مەڭگۈ خەلق ئۈچۈن ناخشا ئېيتىمىز مەڭگۈ ۋەتەن ئۈچۈن ئۇسسۇل ئوينايمىز
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-13 18:10

 

3- ئاينىڭ 9- كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2- ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى دىلنار ئابلا قاتارلىقلار «ئەزالار يولى»دا زىيارەتنى قوبۇل قىلماقتا.

«خەلق مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - سەنئەتكە موھتاج، مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - سەنئەتمۇ خەلققە موھتاج. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئاساسىي قاتلامغا كۆپ بېرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يېنىغا كۆپ بېرىپ، ئۇلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشىمىز، ئۇلاردىن ئۆگىنىشىمىز، ئۇلارنىڭ جىسمىدىن ئوزۇق ئېلىشىمىز، يېڭى دەۋرگە لايىق تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشىمىز، خەلققە ۋە ئۇلۇغ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشىمىز كېرەك. بىز مەڭگۈ خەلق ئۈچۈن ناخشا ئېيتىمىز، مەڭگۈ ۋەتەن ئۈچۈن ئۇسسۇل ئوينايمىز». 3- ئاينىڭ 9- كۈنى چۈشتىن كېيىن، بېيجىڭ خەلق سارىيىنىڭ مەركىزىي زالىدا، جۇڭگو، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ كامېرا، مىكروفونلىرى ئالدىدا، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى دىلنار ئابلا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى.

شۇ كۈنى، 2019- يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ «ئەزالار يولى» يەنە بىر قېتىم ئېچىلدى، دىلنار «ئەزالار يولى»دا مېڭىپ، شىنجاڭدىكى مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئېلىپ ھەر مىللەت ئامما ئارىسىغا بېرىپ، ئاممىغا مەنىۋى ئوزۇق يەتكۈزگەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايىنى سۆزلىدى.

«كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، مەن گۈزەل شىنجاڭدىن كەلدىم، مېنىڭ ئىسمىم دىلنار، 40 يىللىق ئۇسسۇل ئىستاژىغا ئىگە مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىسى.» سائەت 14تىن 24 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۇچىسىغا توق قىزىل رەڭلىك ئۇزۇن دۇخاۋا كۆڭلەك كىيگەن دىلنار ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ، نەق مەيداندىكى تاراتقۇلارنىڭ قىزغىن دىققىتىنى قوزغىدى، فوتو ئاپپاراتلارنىڭ «چاراس - چۇرۇس...» قىلىپ سۈرەتكە تارتقان ئاۋازى توختىماي ئاڭلىنىپ تۇردى.

«مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن يۇرتىڭىز شىنجاڭدا ئويۇن قويغان ۋاقتىڭىزدىكى ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرەلەمسىز؟» دەپ سورىدى جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى، جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ مۇخبىرى ئالدى بىلەن.

دىلنار چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يېزا - كەنتلىرىدە سىرتتا ئويۇن قويغاندىكى بىر قاتار كۆرۈنۈشلەرنى ئەسلىدى: نۆلدىن تۆۋەن 9 سېلسىيە گىرادۇستا ئويۇن كۆرۈشكە كەلگەن پۇقرالار قىستىلىشىپ ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى؛ چۈش سائەت 1دە قويۇلىدىغان ئويۇنغا سەھەر سائەت 6دىلا كىشىلەر كېلىپ ئورۇن ئىگىلىدى.

دىلنارنىڭ ئېسىدىن چىقمايدىغىنى، بەزى كەنت ئاھالىلىرى ئارتىسلارنىڭ قاتتىق سوغۇقتا قىسقا يەڭ ۋە گاز كۆڭلەك كىيىپ ئويۇن قويغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ پاختىلىق كىيىم ۋە يېپىنچىلىرىنى ئۇلارغا ئارتىپ قويغانىدى. «پۇقرالارنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا شۇ قەدەر ئىنتىزار بولغانلىقىنى كۆرۈپ بىز چوڭقۇر تەسىرلەندۇق» دېدى ئۇ.

«ئەزالار يولى»دا تۇرۇپ سۆز قىلىشقا پەقەت نەچچە مىنۇتلا كېتىدۇ، لېكىن بۇنىڭدىن كېيىنكى سەنئەت يولى يەنە ناھايىتى ئۇزۇن. «بارلىق مۇۋەپپەقىيەت خەلققە مەنسۇپ، بارلىق شەرەپ خەلققە مەنسۇپ. مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسى، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، دەۋر تومۇرىنى ئىگىلەپ، دەۋر ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، دەۋر بىلەن قەدەمداش بولۇش، خەلقنى مەركەز قىلىش، نادىر ئەسەرلەرنى خەلققە بېغىشلاش، توغرا ئەخلاق تۇرغۇزۇش ئارقىلىق كەيپىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرىمەن» دىلنار قەتئىي تەلەپپۇزدا شۇنداق بىلدۈردى.