ئەزالار: بۇرچىمىزنى ياخشى ئادا قىلىمىز
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-14 18:13

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنىنىڭ يېپىلىش يىغىنى بۈگۈن يەنى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:30 دا ئېچىلدى.

يېپىلىش يىغىنىدا سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى؛ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى تەكلىپ كومىتېتىنىڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ تەكلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ماقۇللاندى؛ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى ماقۇللاندى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنى يېپىلغاندىن كېيىن، خەلق سارىيىدىن چىقىشقا باشلىدى، ئۇلار ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۆپرەك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئەزاسىلىق فۇنكىسىيەسىنى ياخشى ئادا قىلىش، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.