شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىدە نېمە دېدى؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-06 11:11

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆزى تۇرۇشلۇق 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتقا قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئىستراتېگىيەلىك كۈچىنى ساقلاپ، ئېكولوگىيە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان، يېشىل تەرەققىياتنى يۆنىلىش قىلغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ۋەتەننىڭ شىمالىدىن ئىبارەت بۇ گۈزەل مەنزىرىنى ياخشى قوغداش كېرەك.

شى جىنپىڭ يىغىن زالىغا كىرگەندە مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، قىزغىن چاۋاك چالدى. ئېۋېنكې ۋەكىل شى جىنپىڭغا كۆڭ رەڭلىك خاداك ھەدىيە قىلىپ، ئىچكى موڭغۇلدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجىغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ ئۇلارغا رەھمەت ئېيتتى، ھەمدە ئۇلار ئارقىلىق ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئاممىسىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

جاڭ جىشىن، يۈ لىشىن، لى يۈلىياڭ، سۇ شۇخۇي، ۋۇ يۈنبو، جاۋ جياڭتاۋ، ليۇ ياشېڭ، گۇڭ مىڭجۇ قاتارلىق سەككىز ۋەكىل ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارنىڭ «باشلامچى»لىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراشنى كۈچەيتىش، پۇقراۋى ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ئېغىر كېسەللەرنى ئېنىقلاش، كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، زامانىۋى ئېنېىرگىيە ئىگىلىكى بەرپا قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ ئارىلاپ-ئارىلاپ كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، ئاخىرىدا سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19ـقۇرۇلتىيىنىڭ روھى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ يىللىق خىزمەتلەر توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپى گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، مەن بۇنى تامامەن قۇۋەتلەيمەن.

شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇلنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئىچكى موڭغۇلدىكى يولداشلارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپى بويىچە، مۇقىملىق بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ دىئالېكتىك مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۇش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەت ئومۇملۇقىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغسى، خەۋپسىزلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىدىن بۇيان، پارتىيەمىز ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتتى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى.

«بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىدا، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئاساسىي ئىستراتېگىيەسىدە ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق ئۆتۈشىدە چىڭ تۇرۇش-بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈرلۈك ئاساسىي تاكتىكا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە يېشىللىق- بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر چوڭ ئىدىيە، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش- بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى. بۇ «تۆت بىر» پارتىيەمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى قانۇنىيىتىنى ئىگىلىگەنلىكى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئورنى، پارتىيەنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىنى گەۋدىلەندۈردى. جايلار، تارماقلار بۇنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى پەللىگە يۈكسىلىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئېكىلوگىيە ئەھۋالىنىڭ قانداق بولۇشى- پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى ۋە تەرەققىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، يەنە شىمالىي جۇڭگو، شەرقى شىمال، غەربىي شىمال ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېكولوگىيە خەۋپسىزلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئىچكى موڭغولنى ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى مۇھىم ئېكولوگىيە خەۋپسىزلىك توسۇقى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش-مەۋقە مەملىكىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە قارىتىلىپ ئىستراتېگىيەلىك بەلگىلەنگەن ئورۇن، شۇنىڭدەك ئىچكى موڭغۇل ئاڭلىق ئۈستىگە ئېلىشى شەرت بولغان زور مەسئۇلىيەت. ئېلىمىزنىڭ شىمالىدا مۇھىم ئېكولوگىيە خەۋپسىزلىك توسۇقى بەرپا قىلىش، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىدىن ئىبارەت بۇ گۈزەل مەنزىرە لېنىيەسىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تېخىمۇ زور ئىرادە بولۇش، تېخىمۇ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئىستراتېگىيەلىك كۈچىنى ساقلاش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نېگىزىدىن ئېيتقاندا، ئورگانىك بىرلىك، بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ. ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا بىر ئاز قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، تۈرلەرنى ھەرىكەتچان يايما ئېچىش شەكلىدە يولغا قويۇشقا، مۇھىتنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش كويىدا بولۇشقا، ھەتتا تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئېكولوگىيەنى قوغداش تۆۋەن چېكىدىن بۆسۈپ ئۆتۈشكە بولمايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئېلىمىز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش باسقۇچىغا ئۆتۈش جەريانىدا، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە مۇھىتنى تۈزەش- ھالقىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدىغان مۇھىم بىر ئۆتكەل. بىز چوقۇم چىشنى چىشلەپ بۇ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىمىز كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كۈچىمىزنى ساقلاشتا تەۋرەنمەسلىكىمىز، بوشاپ قالماسلىقىمىز، يوچۇق قالدۇرماسلىقىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئېكولوگىيە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان، يېشىل تەرەققىياتنى يۆنىلىش قىلغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى يولىدا مېڭىش كېرەك . يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر تۇتاش ياخشى پىلانلاپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان، ئېكولوگىيە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان، يېشىل تەرەققىياتنى يۆنىلىش قىلغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى يولىنى تىرىشىپ تېپىپ چىقىش كېرەك . تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، زېمىن بوشلۇقى پىلانىنى ئاساس قىلىپ، شەھەر-بازارلار، يېزا ئىگىلىكى، ئېكولوگىيە بوشلۇقى ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداش تۆۋەن چېكى، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىز-ئېرىقلارنى قوغداش تۆۋەن چېكى، بازارلارنىڭ ئېچىش چېگراسىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش، كەسىپ تەرەققىياتىنى پىلانلاش، شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ھالقىپ ئۆتۈشكە بولمايدىغان تۆۋەن چەك قىلىپ، مەۋقەنى ئۆز يېرىنىڭ بايلىق تەقسىملەش ئالاھىدىلىكىگە، ئۆز يېرىنىڭ ئۈستۈنلۈكى ۋە ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە قارىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىچكى موڭغۇل ئورمانلىق، يايلاق، نەم يەر، دەريا ئېقىن، كۆل، قۇملۇق قاتارلىق تەبئىي ھالەتكە ئىگە، ئۇ ئۇزاق مۇددەت شەكىللەنگەن ئۇنىۋېرسال ئېكولوگيەلىك سىستېما، ئېكولوگيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئۇنىۋېرسال تۈزەش كېرەك. يايلاق، ئورمانلىقنى قوغداش ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئېكولوگيە سىستېمىسىنى قوغداشتىكى ئالدىنقى ۋەزىپە. ئېكولوگيەنىڭ ئىچكى مېخانزىمى ۋە قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، تەبئەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئاساس قىلىش فاڭجىنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۈرلەر بويىچە سىياسەت يۈرگۈزۈپ، قاراتمىلىق، سىستېمىلىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك. خەلق ئاممىسى كۈچلۈك ئىنكاس قىلىۋاتقان گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش، ھەم مۇھىتتىن ئىبارەت خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى ھەم ئېكولوگيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى جىددىي ۋەزىپە. ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى ۋە داغدۇغۇسىنى كۈچەيتىپ،تارقاق، قالايمىقان، بۇلغۇما قويۇپ بېرىدىغان كارخانىلارنى قەتئىي تۈزەپ، نۇقتلىق رايونلارنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر بازار، تەرەققىياد رايونى، سانائەت باغچە رايونلىرىنىڭ بۇلغانغان سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئولتۇراق مۇھىتىنى تۈزەشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىچكى موڭغۇلنىڭ خۇلوڭ كۆلى، ئولاڭسۇخەي كۆلى، داگىننور كۆلى ئېكولوگىيەسىنى ئۇنىۋرسال تۈزەشنى ياخشى تۇتۇپ، مەسىلىگە قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقى، ياخشى تۇتۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەت ئومۇملۇقىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ۋەزىپىسى ئىنتايىن ئېغىر، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم يۈرۈشىشىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپاتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى مۇقىم ئۆستۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىپ، تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىلگىرى پارتىيەمىز جاپالىق كۆرەش قىلىپ، ئىقتىسادچان، تېجەشلىك بولۇپ، ئۈزلۈكسىز ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى ياراتقان، ھازىر بىز يەنىلا مۇشۇنداق ئىدىيە بىلەن خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىمىز.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: كىشى ئاچ يالىڭاچ قالمايدۇ، ئەمما پىلانسىزلىقتىن بىر ئۆمۈر نامرات قالىدۇ. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت باشلامچىلىق بىلەن تېجەشلىك كۈن ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن مەقسەت ــ پۇقرالارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش، بۇنى پارتىيەمىزنىڭ ئاساسى مەقسىتى ۋە تەبئىتى بەلگىلىگەن، مەيلى دۆلىتىمىز تەرەققىي قىلىپ قانداق دەرىجىگە يەتسۇن، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلىنىپ، قانچىلىك سەۋىيەگە يەتسۇن، جاپالىق كۈرەش قىلىش، ئىقتسادچان، تېجەشچان بولۇش ئىدىيەسىنى مەڭگۈ يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، جاپالىق كۈرەش قىلىش، ئىقتىسادچان، تېجەشچان بولۇش بىزنىڭ داغدام ئالغا ئىلگىرلەپ، تەرەققىي قىلىپ، زۆرىيىشىمىزنىڭ مۇھىم كاپالىتى بولۇپلا قالماي يەنە بىزنىڭ ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشىمىز، يەنە شەرەپ قۇچىشىمىزنىڭ مۇھىم كاپالىتىپاتىگۈل مۇھەممەد