دىققەت! ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى ئاگاھلاندۇرۇشلار بۇ يەردە
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-06 18:37

قانۇننى تاللاپ تۇرۇپ، ئۆزى بىلگەنچە ئىجرا قىلىشقا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ! كارخانا ۋە ئاممىنى مۇرەككەپ چىگىش ئىسپاتلار بىلەن كۆپ چاپتۇرۇپ قىيناشقا بولمايدۇ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا قاتتىق بەدەل تۆلەتكۈزۈش كېرەك.

بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا كىشى قەلبىنى ئىللىتىدىغان ياخشى سىگناللار چىقىرىلىپلا قالماي يەنە بەزى كىشلەرگە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشلارمۇ چىقىرىلدى، تۆۋەندە بىرلىكتە قاراپ باقايلى:

 

 

ئشىقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا جىنسىي كەمسىتىش ۋە سالاھىيەت كەمسىتىشى قىلىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

@روجەك مۇلازىمەت تارماقلىرى

چىگىش ئىسپاتلار بىلەن كارخانىنى ۋە ئاممىنى كۆپ چاپتۇرۇپ، قىيناشقا بولمايدۇ.


@قانۇننى ئىجرا قىلغۇچىلار

قانۇننى تاللاپ تۇرۇپ، ئۆز مەيلىچە ئىجرا قىلىشقا، كارخانا ۋە ئاممىنى تەڭقىسلىقتا قويۇشقا ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ.

قانۇننى ئىجرا قىلىشتىكى بارلىق ئادالەتسىزلىك، مەدەنىيەتسىزلىك ئەھۋاللىرىنى قەتئىي تۈزىتىش كېرەك.


@ساختا تاۋارلارنى ئىشلەپچىقارغان، ساتقان ناچار سودىگەرلەر

ساختا، ناچار تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا قاتتىق بەدەل تۆلەتكۈزۈش كېرەك.


@ ئىلىمدە دۇرۇس بولمىغانلار

پەن-تەتقىقات ئەخلاقى ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىلىمدە دۇرۇس بولماسلىق قىلمىشىنى جازالاپ، يەڭگىلتەكلىك شامىلىنى توسۇش.


@ئەمەل تۇتۇپ ئىش قىلمىغانلار

ھۆكۈمەت باشلامچىلىق بىلەن سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇشنى تەكىتلىشى كېرەك، يېڭى رەھبەرنىڭ ھەل بولمىغان كونا مەسىلىلەر بىلەن كارى بولماسلىقىغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرغان كارخانىلار يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن نېسى قالدۇرغان پۇلنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى بېرىپ بولۇشى كېرەك، يەنە يېڭىدىن نېسى قالدۇرۇشىغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ.

@ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرغان خوجايىنلار

دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى تۈپ يىلتىزىدىن تۈگىتىپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، مەخسۇس مەمۇرىي قانۇن نىزام تۈزۈپ، جاپا چەككەن، قان تەر ئاققۇزغان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ تېگىشلىك ھەققىنى ۋاقتىدا ئېلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.


@ دورا، ۋاكسىنا جەھەتتە قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار

دورا، ۋاكسىنا كىشىلەرنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، ئۇنىڭغا بولغان تولۇق جەريانلىق نازارەت ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى قاتتىق جازالاش، ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغانلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىنىڭ مۇداپىئە چېكىنى قاتتىق ساقلاش كېرەك.


@شاخلىتىپ ساتقۇچىلار

قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش، شاخلىتىپ سېتىش قاتارلىق ئىقتىسادىي جىنايەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ.



@ شەكىلۋاز كادىرلار، بيوكرات كادىرلار
ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر بارلىق شەكىلۋازلىق، بيوكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، كادىرلارنى تاغدەك ھۆججەت، تۈگىمەس يىغىنلار، باھالىغۇچىلار ۋە تەكشۈرگۈچىلەرنى كۈتۈۋېلىش، ماتېرىيال مەلۇمات جەدۋىلى يېزىش قاتارلىقلاردىن بوشۇنۇپ، زېھنى قۇۋۋىتىنى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.



@ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن.