خەينەن ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل سېتىشنى چەكلىمەكچى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-07 19:02

3-ئاينىڭ 5-كۈنى، خەينەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت «خەينەن ئۆلكىسىنىڭ پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تەرەققىيات پىلانى»نى رەسمىي ئېلان قىلدى، «پىلان»دا، 2030-يىلىدىن باشلاپ، خەينەننىڭ ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىللارنى سېتىشنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭ بىلەن، خەينەن ئۆلكىسى ئېلىمىزدىكى پاكىز ئېنېرگىيەلەشتۈرۈش نىشانىنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈپ چىققان ئۆلكە بولۇپ قالدى. «پىلان»دا 2030 – يىلى «يېشىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق سەپەر قىلىدىغان يېڭى خەينەن» ئومۇمىي تەرەققىيات نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش زىچ چۆرىدىلىپ، 2020-يىلى، 2025 - يىلى، 2030 - يىلىغىچە بولغان ئۈچ باسقۇچلۇق نىشان ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

لېكىن ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىللارنى سېتىش مەنئىي قىلىنسا، ئۇنىڭ ئورنىنى نىمە ئالىدۇ؟ خەينەن ئۆلكىسى بۇنىڭغا: پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، دەپ جاۋاب بەردى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خەينەن ئۆلكىلىك قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى: 2020-يىلىغا بارغاندا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ پۈتۈن ئۆلكىنىڭ قاتناش - تىرانسپورت كەسپىدە قوللىنىلىشى دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولىدۇ. 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، خەينەن ئۆلكىسىدە جەمئىي 30 مىڭدىن ئارتۇق يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ، 28 مىڭدىن ئارتۇق زەرەتلەش ئورنى قۇرۇلىدۇ،دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر 2030 - يىلىدىن بۇرۇن سېتىۋالغان ئاپتوموبىللارنى يەنە داۋاملىق ھەيدەشكە بولامدۇ يوق دەپ ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى؟ خەينەن ئۆلكىسى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: 2030 - يىلىدىن بۇرۇن سېتىلىپ بولغان ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىللارنى يەنىلا داۋاملىق ھەيدەشكە بولىدۇ، لېكىن مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى ئالاقىدار بۇلغىما چىقىرىش كۆرسەتكۈچىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.

يېقىنقى يىللادىن بۇيان، ئېلىمىزدىكى نۇرغۇن ئۆلكىلەر ئاكتىپلىق بىلەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى ئومۇملاشتۇردى. سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 2018-يىلى، مەملىكەت بويىچە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل 2 مىليون 610 مىڭغا يېتىپ، ئاپتوموبىل ئومۇمىي مىقدارىنىڭ % 1.09 ىنى ئىگىلىگەن. 2017 - يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 1 مىليون 70مىڭى كۆپەيگەن.

ئەمەلىيەتتە، دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىللارنى بازاردىن چېكىندۈرۈش پىلانى بار.

2016-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى، گوللاندىيە، نورۋېگىيە كەينى – كەينىدىن 2025-يىلى ئەنئەنىۋى يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىللارنى سېتىشنى ئومۇمىيۈزلۈك مەنئىي قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

2016-يىلى 10-ئايدا، گېرمانىيە 2030-يىلى ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىللارنى سېتىشنى ئومۇمىيۈزلۈك توختىتىش تەكلىپ لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

2017-يىلى 7-ئايدا، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيەمۇ 2040-يىلىغا بارغاندا ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىللارنى سېتىشنى ئومۇمىيۈزلۈك توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

2019-يىلى 3-ئايىنىڭ 5-كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، موتورلۇق قاتناش قوراللىرىنىڭ بۇلغىما مەنبەسىنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى ئومۇملاشتۇرۇش-بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم يوللارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.