شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ئاياللارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-08 15:12

3-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 13 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان خېنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى، « 8 ـ مارت » خەلقئارا ئاياللار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، پارتىيە مەركىزى كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئايال ۋەكىللەر، ئايال ھەيئەت ئەزالار، ئايال خىزمەتچىلەر، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ئاياللارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى .