شى جىنپىڭ: بۇ خىزمەتنى بارغانسېرى چىڭ تۇتۇش كېرەك
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-08 17:19

 

 

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن گەنسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. يىغىندا، تاڭ شياۋمىڭ، ۋاڭ تاۋ، ياڭ يەن، ۋاڭ گاڭ، لياڭ چيەنجۈەن، فۇ كاڭنيەن، دۇڭ سەييۈن، فەن پېڭ قاتارلىق سەككىز ۋەكىل ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يېتەكچى كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، بايلىقتىن يۇقىرى ئۈنۈمدە پايدىلىنىش، پۇقراۋى پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، مەدەنىيەت داڭلىق ماركىلىرىنى كۈچەيتىش، نامرات رايونلاردىكى نوپۇسنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ يېقىنقى ئىككى يىللىق خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، گەنسۇدىكى بارلىق كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىم ئىلگىرىلەش خىزمىتىنىڭ باش روھىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خېيىم-خەتەردىن ساقلىنىش، مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تېرىشىپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىپ، مۇھىت ئاسراش ۋە تۈزەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، خەلقنى بېيىتىپ، گەنسۇنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىشىنى ئۈمىد قىلدى.  

 

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھازىر 2020-يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا پەقەت ئىككى يىللا ۋاقىت قالدى، ھازىر راسا كۈچەيدىغان پەيت، خىزمەتلەرنى قەتئىي بوشاشماي ئىشلەش، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە، ئىشنى بولدى قىلماسلىق شەرت. قەتئىي ئىشەنچتە تەۋرەنمەسلىك كېرەك. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئومۇملۇقىدىن چىقىش قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىنىڭ سىگنالىنى ئومۇميۈزلۈك چالدى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يەنە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىنى ياخشى قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىنىڭ بىرى قىلدى. بىر قانچە يىلدىن بۇيان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنىڭ زورلۇقى، كۆلىمىنىڭ كەڭلىكى، تەسىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى مىسلىسىز بولۇپ، ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ نەتىجىلەر ھەقىقەتەن ئاسان قولغا كەلمىدى، بۇ نەتىجىلەر ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلىققا قارشى تۇرۇش تارىخىنىڭ يېڭى سەھىپىسى يېزىپ چىقىلدى. بۇندىن كېيىنكى ئىككى يىلدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل، ئېغىر بولىدۇ، ئەمدى ئېشىپ قالغىنى نامراتلار ئىچىدىكى ئەڭ نامراتلار، قىيىنچىلىق ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىر قىيىنچىلىق بولۇپ، ھەممىسى ئەڭ تەس مەسىلىلەر. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قانچە مۇھىم ئۆتكەلگە بارغانسېرى، غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسىنى شۇنچە چىڭىتىش، ئىرادە، جاسارەتنى شۇنچە ئۇرغۇتۇپ، غەيرەت بىلەن كۈرەشكە ئاتلىنىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي، ئەمەلىي چىڭ تۇتۇپ، سىياسەتنى دەل يولغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە ئورۇنلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم. نىشاننى چىڭ تۇتۇپ بوشاشتۇرماسلىق كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئۆلچىمى-نامرات نوپۇسنى كىيىنىش، تويۇنۇشتىن غەم قىلدۇرماسلىق، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىش، تۇرالغۇ ئۆي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىشنى مۇقىم ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆلچىمىدە، ھەم ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ، ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈپ، مۇقامنى يۇقىرى توۋلاشقا بولمايدۇ ھەم نامراتلىقتىن ساختا قۇتۇلدۇرۇش، ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىش، سۈپەتكە تەسىر يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، نىشاننىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى، مەقسەتنىڭ چېچىلىپ كەتمەسلىكىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ، كۆك نامراتلىق مەسىلىسىنى كۈچنى مۇجەسسەملەپ ھەل قىلىپ، نامرات ئەمەس ناھىيە، نامرات ئەمەس كەنتلەردىكى نامرات نوپۇسنى قوللاشنى كۈچەيتىپ، نامرات ناھىيەلەرنى نامراتلىق قاتارىدىن چېكىندۈرۈشنىڭ ئۆلچىمى ۋە تەرتىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنىڭ تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم. مەسىلىلەرنى تۈزەشتە يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىق كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە ساقلانغان شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق ھادىسىلىرى-نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئامما ئىنكاس قىلغان نامراتلىقتىن ساختا قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھېساب-كىتاب شەكلىدە قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن كۆرسەتكۈچ شەكلىدە قۇتۇلدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ھەم بۇ مەسىلىلەرنى قەتئىي تۈگىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇش لازىم.  

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىش ئاخىرىغا بارغانسېرى قىيىنلىشىدۇ، بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدىغان، ساختا خىزمەت نەتىجىلىرىنىلا قوغلىشىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىق كېرەك. ھازىر ئىشنى ياخشى قىلىپ، سۇ كەلگۈچە توغان سېلىپ، بىخ ھالىتىدىلا يوقىتىش لازىم.  

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە بۇشاڭلىق قىلماسلىق كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىر مەيدان جەزمەن غەلىبە قىلىش، ياخشى قىلىش شەرت بولغان جەڭ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ۋە ھۆكۈمەتلەر مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زېممىسىگە ئېلىپ، مۇھىم نۇقتىنى كۈچەپ تۇتۇپ، يىتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىزلىقلارنى كۈچەيتىشى كېرەك. رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، نامراتلارنى يۆلەش چوڭ ئەندىزىسىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن دەل قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەشنى ئىرادە ۋە ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قايتىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن نوپۇس ۋە يېڭىدىن نامراتلاشقان نۇپۇسنى ۋاقتىدا يۆلەش كېرەك. نامرات ناھىيەلەر نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغاندىن كېيىن، يايمىنى دەرھال يېغىۋېلىشقا، يۈكنى ئىتتىرىپ قويۇشقا، ئارام ئېلىپ يېتىۋېلىشقا بولمايدۇ. ئېشىپ قالغان نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەسىلىسىنى داۋاملىق ھەل قىلىش، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ مەسئۇلىيەتنى تاشلىماسلىق، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ سىياسەتنى تاشلىماسلىق، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ ياردەمنى تاشلىماسلىق، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى تاشلىماسلىق كېرەك. ئىستىلدا بۇرۇلۇش ياساشتا بوشاڭلىق قىلماسلىق كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ بولۇش-بولماسلىقنىڭ ئاچقۇچى ئادەمدە، كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئىستىلىدا. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ تەلىپىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بارلىق جەريانىغا سېڭدۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي بولۇشى، نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش جەريانىنىڭ پۇختا بولۇشى، نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنىڭ ھەقىقىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئىنكاس قىلىنغان كادىرلار ئىستىلى مەسىلىسىنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈزۈم مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامرات رايونلارنىڭ يېزا ئاساسى قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىرىنچى سەپتىكى نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىغا غەمخۇرلۇق قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. شى جىنپىڭ ئاخىرىدا كۆپچىلىكتىن كۆتۈرەڭگۈ ئىرادە، تولۇپ-تاشقان قىزغىنلىق ۋە كۈچلۈك غەيرەت-جاسارەت بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش، ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى تەلەپ قىلدى.