شى جىنپىڭ: بۇ خىزمەت ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-09 12:27

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن خېنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشى. شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن مۇنداق دېدى: بۈگۈن «8-مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئايال ۋەكىللەر، ئايال ئەزالار، ئايال خىزمەتچىلەر، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاياللىرىنىڭ بايرىمىنى مۇبارەكلەيمەن ھەمدە ئۇلارغا گۈزەل تىلەكلەرنى تىلەيمەن.

يىغىندا ۋاڭ شىنۋېي، ۋاڭ دۇجۈەن، تاڭ يۈشياڭ، سۇڭ خۇجېن، لى ليەنچېڭ، گاۋ جيەنجۈن، لى خۇڭشيا، خۇاڭ جيۇشېڭ قاتارلىق سەككىز ۋەكىل ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئېچىۋېتىش، تەرەققىيات، يۇقىرى سۈپەتلىك جابدۇق ياسىمىچىلىقىدا جۇڭگو ماركىسىنى يارىتىش، ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ سىرتقا يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېھقانلارنىڭ سەككىز ئارزۇسى، جياۋ يۈلۇ روھىنى نۇرلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش مۇھىم ئامىلىنى يېتىلدۈرۈش، يۇرتداشلارغا جاۋاب قايتۇرۇش ۋە پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ پىكىر بايان قىلدى.

شى جىنپىڭ ۋەكىل لى ليەنچېڭنىڭ سۆزىگە قارىتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دائىم دېگۈدەك بەزى نامرات رايونلارغا بارىمەن، يېزىلارغا بارغاندا، دائىم سىلەرگە يەنە نېمە لازىم؟ دەپ سورايمەن. سىزنىڭ بۈگۈن ئېيتقانلىرىڭىز، دەل دېھقان يولداشلارنىڭ بەختلىك تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىش تەلىپى. بەزىلىرىنى بىز قىلىۋاتىمىز، ھەم قىلىپ بولدۇق، يەنە بەزىلىرى قىلىش داۋامىدا، يەنە بەزىلىرى كېيىنكى قەدەمدە قىلىنىدۇ. بىزنىڭ باش مەقسىتىمىز- خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، خەلق ئاممىسىنىڭ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى چۆرىدەپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، بىزنىڭ بۇ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش جەريانىمىز ھەر بىر قەدەمنى پۇختا بېسىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش.

شى جىنپىڭ خېنەننىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، خېنەندىكى يولداشلارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىم ئاساستا ئىلگىرىلەشتەك خىزمەتنىڭ باش روھىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىگە ئاساسەن، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشى، جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىيلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى تاماملاشقا ھال قىلغۇچ ئاساس سېلىشىنى ئۈمىد قىلدى، شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خېنەن يېزا ئىگىلىكى چوڭ ئۆلكىسى، شۇنداقلا نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئۆلكە. «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش خېنەنگە نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىسى چىقىرىلدى، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش- كەسىپنى گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيەنى گۈللەندۈرۈش، تەشكىلاتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ باش نىشانى- يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش؛ باش فاڭجىنى- يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدى بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش؛ ئومۇمىي تەلىپى- كەسىپ گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەسى تۇرۇشقا باپ كېلىدىغان، يېزا كەيپىياتى مەدەنىي، تۈزەش ئۈنۈملۈك، تۇرمۇش باياشات بولۇش؛ تۈزۈم كاپالىتى- شەھەر يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى تۈزۈلمىسى مېخانىزمى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشىمىز كېرەك. مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بولۇپمۇ ئاشلىق تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. خېنەن يېزا ئىگىلىكى چوڭ ئۆلكىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن يېزا ئىگىلىكى بولۇپمۇ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئىنتايىن مۇھىم. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىن ئىبارەت بۇ ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارىي قىلدۇرۇپ، مەۋقەنى مەملىكەت بويىچە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىكى يادرولۇق رايون بەرپا قىلىشقا قارىتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان يەرگە كاپالەتلىك قىلىش، ئاشلىقنى تېخنىكىلىق ساقلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشلىقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى مۇقىم ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى جەھەتتە يېڭى مەسئۇلىيەت ۋە يېڭى رولىنى جارىي قىلدۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: تېرىلغۇ يەر ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى جېنى. يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ سۇبيېكىتلىق مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، يەر قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەر قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى قەتئىي توسۇپ، تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداش چېكىنى پۇختا ساقلاش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۆز ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاشلىقتىن ئىبارەت بۇ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاشلىق كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، قىممەت زەنجىرىنى ئاشۇرۇپ، تەتمىنات زەنجىرى شەكىللەندۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپەت ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى بىلەن زامانىۋى يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكىنى ئۆزئارا بىرلىككە كەلتۈرۈش؛ يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئېكولوگىيەنىڭ تەڭكەش تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئاھالىسىنىڭ تۇرۇش مۇھىتىنى ئۈچ يىلغىچە رەتكە سېلىش ھەرىكىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئېكېلوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش ۋە يېزىلارنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىن ئېلىپ تۈزەشنى كۈچەيتىپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، يايلاقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان جايلارنىڭ مۇھىتىنى نازارەت قىلىش تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ مەنبەدىن بۇلغىنىشىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئوغۇت ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرىنى تىجەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارغان جاينى سۈرۈشتە قىلىشقا بولۇش تۈزۈمى ۋە سۈپەت بەلگىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى جىنايىتىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئاممىنىڭ يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرىنى بىخەتەر، خاتىرجەم ئىستېمال قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەسىدىن ئىبارەت بۇ كامچىلىكنى تولۇقلاش كېرەك. ئالدى بىلەن پىلانلاپ ئاندىن قۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە، يەر ئىشلىتىش، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئاھالىلەر نۇقتىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، تۇرۇش مۇھىتىنى تۈزەش، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە تارىخىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشنى بىر تۇتاش ئويلىشىپ، نۇرغۇن پىلانلار بىرىككەن ئەسقاتىدىغان كەنت پىلانىنى تۈزۈپ، سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تۈرلۈك جەمئىيەت كاپىتاللىرىنى يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىشقا يېتەكلەپ ۋە ئىلھاملاندۇرۇپ، پۈتۈن رايوننى قاپلىغان، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، تەڭ بەھرىلىنىدىغان، شەھەر-يېزا بىر گەۋدىلەشكەن ئۇل ئەسلىھە مۇلازىمىتى تورىنى پەيدىن-پەي شەكىللەندۈرۈپ، يېزىلارنىڭ قاتناش-تىرانسپورتى، ئېتىز-ئېرىق سۇ ئىنشائاتى، يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۈيى، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئەشيا ئوبروتى، كەڭ بەلباغلىق تور قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇش؛ يېزا-كەنتلەرنى رەتكە سېلىشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلنى پۇختىلاش؛ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى كۈچەيتىپ، يېزا پارتىيە تەشكىلاتلىرى شۇجىلىرىنى ياخشى تاللاپ ۋە سەپلەپ، ئاجىز، چېچىلاڭغۇ كەنت پارتىيە-تەشكىلاتلىرىنى رەتكە سېلىپ، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاپتونومىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەنت دەرىجىلىك ھوقۇقنى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ۋە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تۈزۈمىنى، يېزىلاردا قېلىپ قالغان بالىلار، ئاياللار، ياشانغانلارغا غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىپ، مەدەنىي يېزا ئىستىلى، ياخشى ئائىلە ئىستىلى، ئاددىي-ساددا ئامما ئىستىلى يېتىلدۈرۈپ، زىددىيەت ماجرالارنى كۆپ تەرەپتىن ھەل قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قارا رەزىل كۈچلەرنى تازىلاش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئەڭگۈشتەردىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. ئىختىساسلىقلار، يەر، كاپىتال قاتارلىق ئامىللارنىڭ شەھەر بىلەن يېزا ئارىسىدا قوش تەرەپلىك يۆتكىلىشىنى ۋە باراۋەر ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىچكى ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېزىلارنىڭ ئاساسىي تىجارەت تۈزۈمىنى پۇختىلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلاردا ھۆددىگە ئالغان يەرلەرنىڭ ئۈچ ھوقۇقىنى تەقسىملەش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ماس كۆلەملىك تىجارىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە دېھقانلار كوپېراتىپىدىن ئىبارەت ئىككى خىل يېزا ئىگىلىكى تىجارىتى سۇبيېكتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇششاق دېھقانچىلىق ئائىلىلىرى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنى قوللاپ، كوللىكتىپ مۈلكىنى باشقۇرۇشنىڭ تۈرلۈك تۈزۈملىرىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلارنىڭ كوللىكتىپ مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ فۇنكىسىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىچە كوللېكتىپ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە زورايتىپ، قوش قاتلاملىق تىجارەت تۈزۈلمىسىگە يېڭى مەزمۇن قوشۇش كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلبە قىلىش ئىككى يىل ئىچىدە چوقۇم تاماملاشقا تېگىشلىك قاتتىق ۋەزىپە. غەيرەت-ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، نىشاننى چىڭ تۇتۇپ، سىياسەتنى دەل يۈرگۈزۈپ، دەل كۈچ چىقىرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى قەرەللىدە، سۈپەتلىك تاماملاش كېرەك. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇملىقىدا قويۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.