بۇ يىللىق ئىككى يىغىندا يېڭى تېخنىكا ئىشلەتتۇق
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-11 17:18

بۇ يىلىق ئىككى يىغىننى خەۋەر قىلىشتا، مەركەز ۋە يەرلىكتىكى ئاساسلىق تاراتقۇلار يېڭى تېخنىكىنى يېتەكچى قىلىپ، ئۇچۇر ئىنقىلابى نەتىجىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلما تارقىتىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي تەشەببۇسلىرى ۋە ئىككى يىغىندىكى ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ ئاۋازىنى دەل ۋاقتىدا، نوپۇزلۇق تارقاتتى.

بۇ يىللىق ئىككى يىغىن جەريانىدا، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مەركىزىي تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاخبارات يېڭى تاراتقۇسى كۆڭۈل قويۇپ «مەخسۇس مىكرو ۋىدېيو»، «ئالاھىدە خەۋەر»، «VR تولۇق كۆرۈنۈشلۈك ۋىدېيو» قاتارلىق سىياسىي خەۋەر تۈرىدىكى تاراتقۇ مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىپ، چوڭ دۆلەتنىڭ داھىيلىق سېھرى كۈچىنى نامايان قىلىپ، ئىككى يىغىننىڭ ئاۋازىنى يەتكۈزدى. چېكىلىش سانى ۋە ئوقۇش مىقدارىدا يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى.



بۇ يىللىق ئىككى يىغىن جەريانىدا، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى خەلقئارادا تۇنجى قېتىم 5G تېخنىكىسى ئىشلىتىپ 4K سۈپسۈزۈك سېگنالىنى ئۈزۈكسىز يوللاش ئارقىلىق، باش ئىستانسسىنىڭ 4K سۈپ سۈزۈك قانىلىدا ئىككى يىغىننىڭ مۇخبىرلار يىغىنىنى نەق مەيداندىن تارقاتتى. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ۋە ئەزالارغا يېڭى تېخنىكا ئىنقىلابى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، باش ئىستانسا يەنە 5G يوللاش تېخنىكىسى ئارقىلىق 4K سۈپسۈزۈك تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى خەلق سارىيى، مېدىيا ئاخبارات مەركىزى، ۋەكىللەر ۋە ئەزالار تۇرۇشلۇق مېھمانخانا قاتارلىق ئورۇنلارغا يەتكۈزدى.

خەلق سارىيى، مېدىيا ئاخبارات مەركىزىدىن باشقا، باش ئىستانسسا يەنە تيەنئەنمېن مەيدانى، ۋەكىللەر ۋە ئەزالار تۇرۇشلۇق جاي قاتارلىق رايونلارنى 5G سېگنالى بىلەن قاپلاشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇردى، باش ئىستانسا 5G يېڭى تاراتقۇ سۇپىسى ئارقىلىق، بۈيۈك مەلۇمات ۋە سۈنئىي ئاقىل قاتارلىق تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، كۆپ يوللۇق 4K سۈپسۈزۈك ۋىدېيو سېگنالى ۋە VR تولۇق كۆرۈنۈشلۈك ۋىدېيو سىگنالىنى توپلاشتۇرۇپ ئىشلەپ تارقاتتى.