شى جىنپىڭ فۇجيەندىن ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىشنى تەلەپ قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-12 10:35

باش شۇجى شى جىنپىڭ 1985-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە، فۇجيەندە 17 يىلدىن ئارتۇق خىزمەت قىلغان. ئۇ فۇجيەن زېمىنى ھەققىدە، 2014-يىلى 11-ئايدا فۇجيەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن، فۇجيەن-مېنىڭ 2-يۇرتۇم دېگەن ئىدى. باش شۇجى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، فۇجيەنگە «مېخانىزمى جانلىق، كەسىپلىرى سەرخىل، پۇقرالىرى باي، ئېكولوگىيەسى گۈزەل يېڭى فۇجيەننى تېرىشىپ قۇرۇش» تەلىپىنى قويدى.

بۇ يىل 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى فۇجيەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، فۇجيەننىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە يەنە بىر قېتىم تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىشتا تېرىشىپ يەنە ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئۈلگە كۆرسىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ تولۇق غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك دېدى.

فۇجيەن بىلەن تەيۋەن دېڭىز ئارقىلىق قارىشىپ تۇرىدۇ، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى تەيۋەنگە ئەڭ يېقىن ئۆلكە، ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن فۇجيەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، دېڭىز بوغۇزى ئىككى قىرغىقىنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش-فۇجيەنگە قويغان تەلەپلىرىنىڭ بىرى بولدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: تەيۋەنگە قاراتقان خىزمەتتە، ھەم مۇھىم نۇقتىنى ئومۇمىي ۋەزىيەتكە قارىتىش ھەم ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئىككى قىرغاقنىڭ راۋانلاشتۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى ئىمكانقەدەر راۋانلاشتۇرۇش، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئۇل ئەسلىھەلەرنى راۋانلاشتۇرۇش، ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئۆز ئارا راۋانلاشتۇرۇش، كەسىپ ئۆلچىمىنى راۋانلاشتۇرۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، فۇجيەننى تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە تەيۋەن كارخانىلىرىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا كىرىشىدىكى بىرىنچى ماكان قىلىپ تېرىشىپ قۇرۇپ چىقىش لازىم.

فۇجيەن پىڭتەن ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى-فۇجيەن-تەيۋەن ھەمكارلىقىنىڭ كۆزنىكى. باش شۇجى شى جىنپىڭ 2014-يىلى 11-ئايدا فۇجيەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، پىڭتەن ئۇنىۋېرسال سىناق رايونىنى ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ھەمكارلىق قۇرۇلۇشى، ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش، ئىلمىي تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئورتاق ماكان قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ بىر قىسىم تەيۋەن مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئەجدادى، يىلتىزى بىر، قان-قېرىنداشلار، مەدەنىيىتى ئوخشاش، قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلماسلىق، يۇغۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلماسلىققا ھېچقانداق باھانىمىز يوق دەپ كۆرسەتتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 10-كۈنى فۇجيەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، تەيۋەنگە قاراتقان خىزمەتتە، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا ئوخشاش كۆزدە قاراپ، چوڭ قۇرۇقلۇق پۇقرالىرىغا مۇلازىمەت قىلغانغا ئوخشاش، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغىمۇ بەخت يارىتىش؛ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ سادالىرىغا قۇلاق سېلىپ، تەيۋەنگە نەپ يەتكۈزىدىغان، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا پايدىلىق سىياسەت-تەدبىرلەرنى چقىرىشنى تەتقىق قىلىپ، قىلالايدىغانلىقى ئىشلارنى ئىمكانىيەت بارىچە تېرىشىپ قىلىش كېرەك دەپ تەكىتلىدى. باش شۇجىنىڭ سۆزى تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى يەنە بىر قېتىم ھەسسىلەپ ئىلھاملاندۇردى. تەيۋەنلىك قېرىنداش خې گودىڭ باش شۇجىنىڭ سۆزى-بىز تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا مەبلەغ سېلىش ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى، تەيۋەن ياشلىرىنى چوڭ قۇرۇقلۇققا كېلىپ تېرىشىپ ئىشلەشكە تېخىمۇ كۈچلۈك جەلپ قىلدى دېدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2014-يىلى 11-ئايدا فۇجيەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، «مېخانىزمى جانلىق، كەسىپلىرى سەرخىل، پۇقرالىرى باي، ئېكولوگىيەسى گۈزەل يېڭى فۇجيەننى تېرىشىپ قۇرۇش كېرەك» دەپ كۆرسەتكەن. بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، فۇجيەن ئۆلكىسى باش شۇجىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، كەسىپنىڭ ئۇزۇنغا چىداشلىق بېرىش كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشنى كۆپەيتىپ، تەمىناتنى سەرخىللاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشتىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىپ، ئېكولوگىيەنى گۈزەللەشتۈرۈپ، ئەۋزەللىكنى پۇختىلاپ، يېڭى دەۋردىكى فۇجيەن تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ چىقتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ فۇجيەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشكە پايدىلىق ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىش كېرەك دەپ تەكىتلىدى ھەم ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش قاتارلىق تەرەپلەردە كونكرېت تەلەپلەرنى قويدى.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، فۇجيەندىكى پۇقراۋى كارخانىلار «جىنجياڭ تەجرىبىسى»نىڭ يېتەكچىلىكىدە، «ئالەمدە ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىش، جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش» روھى بويىچە، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىپ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىش يولىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ماڭدى. پۇقراۋى ئىگىلىك فۇجيەندىكى مۇھىم تىرەككە ئايلاندى. فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى تاڭ دېڭجيې مۇنداق دېدى: پۇقراۋى ئىگىلىك چوڭ ئۆلكىسى بولغان فۇجيەن تۈرلۈك بازار سۇبيېكىتلىرىغا ئالدىنقى قاتاردىكى تىجارەت-سودا مۇھىتى يارىتىپ بەردى. بىز دەرھال بېجىرىش، ھەقىقىي، ئەمەلىي ئىشلەشتىن ئىبارەت ئېسىل ئىستىلنى كۈچلۈك نۇرلاندۇرۇپ، «سىفىرلىق فۇجيەن» قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پۈتۈن ئۆلكىدە توردا بىر تۇتاش بېجىرىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، «بىر قېتىملىق ئىشقا ماڭغۇزۇپ ئاۋارە قىلماسلىق» ۋە «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم ماڭغۇزۇش»نى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئىش بېجىرىشىنى توردىن مال سېتىۋالغانغا ئوخشاش قولايلاشتۇرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازار ئىجازىتىدە پاسسىپ تىزىملىك تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، كىنىشكە بىلەن ئىجازەتنامىنى ئايرىش، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلاش قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى ئومۇميۈزلۈك يۈرگۈزۈپ، فۇجيەننىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىشلاردا تەستىقنى ئەڭ ئاز قىلىش، جەريانىنى ئەڭ سەرخىل قىلىش، مۇلازىمىتىنى ئەڭ ياخشى قىلىشىغا تېرىشىپ تۈرتكە بولىمىز.

فۇجيەن-داڭلىق كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرىدىكى خەلقنىڭ غېمىنى يەپ كەلدى، كۆپ قېتىم غەربىي فۇجيەنگە بېرىپ، پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنى يوقلاپ، كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرىنىڭ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ فۇجيەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونى، مەركىزىي سوۋېت رايونىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك دەپ تەكىتلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل-يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك، كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونى، مەركىزىي سوۋېت رايونىدىكى خەلقنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ. بىرمۇ-بىر رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونى، مەركىزىي سوۋېت رايونىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىدا بىرسىنىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونى، مەركىزىي سوۋېت رايونىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتە، يىراققا نەزەر سېلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئېكولوگىيەنى قوغداشنى ئۆز ئارا ماسلاشتۇرۇش، ئۆز ئارا ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرىنى كۆپلەپ چىقىرىپ، بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش، تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىنى ياخشى قىلىپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش كۈرىشىنى ياخشى قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.

فۇجيەن دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىناق رايونى قىلىپ تەستىقلانغان ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، نۆۋەتتە 38 نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ بولدى. فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يۈ ۋېيگو مۇنداق دېدى: ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مۇساپىسىدا، بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش، بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش، تۈزەشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويىمىز. باش شۇجىنىڭ بىر مەزگىللىك ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى دەپ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قۇربان قىلماسلىق كېرەك دېگەن قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئەستە چىڭ ساقلايمىز، بىز بۇنداق خاتالىقنى سادىر قىلىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالىمىز، فۇجيەندىكى ھەر بىر ۋەزىپە، ھەر بىر كادىرنىڭ مۇنداق خاتالىق سادىر قىلىشىدىن قەتئىي ساقلىنىمىز.