شى جىنپىڭ ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-13 09:54

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل-ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھالقىلىق يىل شۇنداقلا ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنىڭ 13-بەش يىللىق پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ 2020-يىللىق نىشان ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش يىلى، پۈتۈن ئارمىيە جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، 13-بەش يىللىق پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تونۇپ يېتىپ، ئىرادە-جاسارەتنى چىڭىتىپ، مەجبۇرىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، قەتئىي جاسارەت بىلەن يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى قىلىپ، بەلگىلەنگەن نىشان ۋەزىپىلەرنى ئۆز قەرەلىدە ئورۇنلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىندا، جاڭ يىخۇ، ۋاڭ خۇيچىڭ، لى جۈن، جۇچېڭ، ۋاڭ نىڭ، باۋ لىن، داڭ زېڭلۇڭ، چېن جيەنفېي قاتارلىق سەككىز ۋەكىل ھەربىي ئېھتىياجنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات پىلانىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قوراللىق ساقچى قىسىم ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، چېگرا مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلام ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى، ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، ھەقلىق مۇلازىمەتنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ ۋەكىللەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلىپ، پۈتۈن ئارمىيەدىن يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇرۇش تەييارلىقى، ئۇرۇش قىلىشقا كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، خىزمەتنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشنى تەلەپ قىلدى.

شى جىنپىڭ ئارمىيە قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنىڭ 13-بەش يىللىق پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە نۇقتىلىق تۈرتكە بولۇش ھەققىدە تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 13-بەش يىللىق پىلان-2020-يىللىق نىشان ۋەزىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تاماملايدىغان پىلان، بۇنى ياخشى تاماملاش-تاماملىيالماسلىق ئىنتايىن مۇھىم. بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم نۇقتىلاردا بۆسۈش ياساشنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش، چىڭ تۇتۇش، ئۆز قەرەلىدە ئورۇنلاش كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئومۇملۇقنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى ياخشى قىلىپ، ۋەزىپە، پىلان، كۈچ بايلىقى، باشقۇرۇش جەريانىنى بىر تۇتاش ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك قۇرۇلۇشلارنىڭ تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ تۈر دەلىللەشنىڭ سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، تەستىقلاش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تۈر تۇرغۇزۇشنى تەستىقلاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش لازىم.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ساھە، تارماق، ئارمىيە بىلەن يەرلىكتىن ھالقىپ بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، خىزمەتنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقسانلارنى تۈگىتىپ، توسۇقلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش؛ ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى ئەلا سۈپەتلىك كۈچلەر ۋە بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پىلاندا ئايدىڭلاشتۇرۇلغان ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنىڭ جىددىي ئېھتىياجى، ئۇرۇش سىستېمىسىغا ھالقىلىق تىرەك بولۇش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق تۈرلەرنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، زور قۇرۇلۇش ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھالقىلىق ئىقتىدار كۆرسەتكۈچلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ۋاقىتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، سۈپەت تەلىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، سۈرئەت بىلەن ئۆلچەمنى بىرلىكتە چىڭ تۇتۇش؛ سىياسەت، تۈزۈم ئىسلاھاتىنىڭ پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەربىي كۈچ قۇرۇلۇشى ۋە ھەربىي ئىشلارنى باشقۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەردىكى سىياسەت، تۈزۈملەرنى چىڭ تۇتۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پىلان ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش لازىم.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پىلاننىڭ نوپۇزى ۋە قاتتىق چەكلىمىلىكىنى كۈچەيتىپ، پىلاننى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش؛ تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ھەم ئۇنى تۈگىتىش؛ خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرۈشى كۈچلۈك بولمىغان، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھى ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئون بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت ئېسىل ئىستىلنى جارى قىلدۇرۇپ، پۇلنى دەل جايىغا ئىشلىتىشى؛ مالىيە-ئىقتىساد ئىنتىزامنىى چىڭىتىپ، راسخوت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، كۆزىتىش، ئىقتىسادىي تەپتىشنىڭ نازارەت سالمىقىنى ئۆستۈرۈپ، ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك قىلمىشلىرىنى قاتتىق جازالىشى لازىم.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ «14-بەش يىللىق» پىلانىنى دەلىللەپ تۈزۈش خىزمىتىدە، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەسى، ھەربىي ئىستراتېگىيەسىنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىپ، نۆۋەتتىكى قۇرۇلۇش ئەمەلىيىتى ۋە ئۇزاق كەلگۈسى تەرەققىيات ئېھتىياجىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئېھتىياجىنى دەلىللەش، پىلاننى، ۋەزىپىلەرنى جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پۈتۈن ئارمىيە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىرادىسى، مەقسىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ھەربىي ئىشلار خىزمىتى يىغىنىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغداپ، جەمئىيەت ئومۇملۇقى مۇقىملىقىنى قوغدىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى بىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىمىز ۋە سىياسىي ئۈستۈنلۈكىمىز. ئارمىيە يەرلىكنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا پائال ياردەم بېرىپ، خەۋپ-خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق جىددىي خەتەرلىك مۇھىم ۋەزىپىلەرنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، نامرات كەنت، نامرات ئاممىغا نۇقتىدا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ۋە ھۆكۈمەتلەر دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، يارىدار، كېسەل، مېيىپ ھەربىيلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ھەربىيلەر بىلەن بىللە بارغان ئائىلە تەۋەلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەربىيلەر پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئارمىيەنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەتنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ماسلىشىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.