ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنىڭ «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى نىشان-ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
مەنبەسى:خەلق تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-13 17:43

شى جىنپىڭ ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنىڭ «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى نىشان-ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك


جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 12-مارت چۈشتىن كېيىن، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھالقىلىق يىلى، شۇنداقلا ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنىڭ «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ 2020-يىللىق نىشان-ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش يىلى، پۈتۈن ئارمىيە جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نىيەت-ئىرادىنى چىڭىتىپ، بۇرچنى ئۈستىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، جاسارەت بىلەن يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، يىرىك پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىپ، بېكىتىلگەن نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئۆز قەرەلىدە تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ۋەكىللەر سۆز قىلغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، پۈتۈن ئارمىيەدىن يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېننى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئۇرۇش تەييارلىقى، ئۇرۇش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشنى تەلەپ قىلدى.

شى جىنپىڭ ئارمىيە قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنىڭ «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان 2020-يىللىق نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاخىرقى يىرىك پىلانى، تاماملاش-تاماملىيالماسلىقتا ئىنتايىن مۇھىم. چوقۇم بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، چىڭ تۇتۇپ قويۇۋەتمەي، ئۆز قەرەلىدە تاماملاش كېرەك.