سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنى يېپىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-13 18:32

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلار تولۇق تاماملانغاندىن كېيىن، 3-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى، ھەر قايسى قاتناشقۇچى ئورۇنلىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىگە بولغان تەلەپلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئېلىمىزنى باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىيەتلىك، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ چوڭ تۆھپىلەرنى قوشۇشقا چاقىرىلدى.

يىغىنغا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، پابالا گېلىلاڭجيې، دۇڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، خې خۇخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، ياڭ چۈەنتاڭ، لى بىن، باتۇر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۈي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلوڭلار رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇز يېرىمدا، يېپىلىش يىغىنى باشلاندى. ۋاڭ ياڭ جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزا 2157 بولۇپ، ئەمەلىي قاتناشقان ئەزا 2123، بۇ بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن دەپ جاكارلىدى.

يىغىندا سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى تەكلىپ كومىتېتىنىڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ تەكلىپلىرىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى ماقۇللاندى.

ۋاڭ ياڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئاچقۇچلۇق يىلغا كىرگەندە ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپلەر زور كۈچ بىلەن قوللىدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە ساھەلەر گۇرۇپپىلىرىغا بېرىپ پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ، ئەزالار بىلەن دۆلەت ئىشلىرى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن چوڭقۇر كېڭىشىپ، ئاكتىپ پىكىر-تەكلىپ بېرىپ، مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. يىغىندا دېموكراتىيە تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئورتاق تونۇش كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەندى، بۇ، ھەقىقەت ئەمەلىيەتتىن ئىزدەلگەن، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان بىر قېتىملىق يىغىن، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىدىن ئىبارەت بۇ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىيسىنىڭ جانلىق ھاياتى كۈچى نامايەن قىلىندى.

ۋاڭ ياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىمۇ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. 70 يىلدىن بۇيان، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يېڭى جۇڭگونى قۇرۇش، يېڭى جۇڭگونى گۈللەندۈرۈش، ئىسلاھات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش سەلتەنەتلىك ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، شانلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ، تارىخى تۆھپە قوشتى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ سەھنىسى تېخىمۇ كېڭەيدى، مەسئۇلىيىتى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى مەھكەم ئەستە ساقلاپ، خەلق سىياسىي كېڭەشنىڭ خاراكتېرىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق سىياسىي كېڭەشنىڭ يېڭى تارىخى ئورنىنى ئىگىلەپ، ئېتىقاد ۋە يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، تەجرىبە ۋە ئەقىل-پاراسەتنى قوبۇل قىلىپ، خەلق سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۆگىنىشنى قەدىرلەپ، ئۆگىنىشنى، ئىدىيەۋى سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش نەتىجىلىرىنى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ ئورتاق ئىدىيەۋى سىياسىي ئاساسىغا ئايلاندۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بايرىقى ئاستىدا بىرلىكتە ئىلگىرىلەش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىشنى قەدىرلەپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش دېموكراتىيەسى تۈزۈم تەرتىپى ۋە يۈرۈشۈش ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىتتىپاقلىقنى قەدىرلەپ، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قوش يۆنىلىشلىك كۈچ چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىگە مۇلازىمەت قىلىش بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى تىرىشىپ ھاسىل قىلىش كېرەك.

ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ يېڭى دەۋىرنىڭ قىياپىتى بولۇشى كېرەك، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ يېڭى دەۋرنىڭ ئوبرازى بولۇشى كېرەك. ئەزالار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئومۇمىي ساپاسى ۋە ۋەزىپە ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، يېڭى بۇرچنى ئۈستىگە ئېلىپ، يېڭى شەرەپ قازىنىش كېرەك. كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ قىياپىتى ۋە غەيرىتىنى ساقلاپ، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، مەڭگۈ توختاپ قالماي، بوشاشماي، دۆلەت ئىشلىرىغا باشتىن ئاخىرى كۆڭۈل بۆلۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئويلاپ، خەلق سىياسىي كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ ياخشى قاتناشقۇچىلىرى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلىرى، ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرىدىن بولۇپ، ھەر يىلقى «ئەزالار تاپشۇرۇقى»نى ياخشى ئىشلەپ، دەۋرگە ياخشى جاۋاب قايتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ سالاپىتىنى نامايەن قىلىپ، خەلق سىياسىي كېڭىشى ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى ئېچىش كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يېپىلىش يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشتى. چەتئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، ئاخبارات ئەمەلدارلىرى ۋە چەتئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلار تەكلىپكە بىنائەن يېپىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە يېپىلدى.