بۇ يىل كۈتۈنۈش پۇلى قانچىلىك ئۆسىدۇ؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-06 18:45

بۇ يىل ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى داۋاملىق ئۆستۈرۈلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پېنسىيەگە چىققان 114 مىليون كىشى بۇنىڭغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، بۇ يىل كۈتۈنۈش پۇلى قانچىلىك ئۆستۈرۈلىدۇ؟

كۈتۈنۈش پۇلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن %5 ئۆستۈرۈلىدۇ

3-ئاينىڭ 5-كۈنى سىرتقا ئېلان قىلىنغان "2018-يىلى مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2019-يىلى مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: كۈتۈنۈش كاپالەت سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ. 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، كارخانا ۋە ئورگان كەسپى ئورۇنلاردىن پىنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئۆلچىمى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن %5 ئۆستۈرۈلىدۇ.

بۇ يىل پىنسىيەگە چىققانلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى ئۇدا 15 يىل ئۆستۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ بارلىق پىنسىيەگە چىققانلارنى خاتىرجەم قىلىدىغان ياخشى ئىش، بۇ يىل قولغا تىگىدىغان كۈتۈنۈش پۇلى كۆپىيىدۇ، تۇرمۇش تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ.

كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى ئۆتكەن يىلىدىكى بىلەن تەڭلىشىدۇ

خامچوت لايىھەسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن %5 لىك ئۆستۈرۈش نىسبىتى 2018-يىلىدىكى كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %5 ئۆستۈرۈلگەنلىك نىسبىتى بىلەن تەڭ.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2016-يىلى كۈتۈنۈش پۇلى تەخمىنەن %6.5، 2017-يىلى تەخمنەن %5.5، 2018-يىلى تەخمىنەن %5 ئۆستۈرۈلگەن.