مەمۇرلار دىققەت، بۇ سۆزلەرنى ئەستە مەھكەم ساقلاڭلار
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-07 19:16


1. خەۋپ-خەتەرنى ئويلاش خاتىرجەملىكنىڭ رېتسىپى. نەتىجىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېلىمىز تەرەققىياتتا يولۇقىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە خىرىسنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈش كېرەك.

2. قىسمەن ئىسلاھات تەرەققىيات تەدبىرلىرى جايىدا ئەمەملىيلەشمىدى، شەكىلۋازلىق، بيۇروكراتلىق يەنىلا گەۋدلىك بولماقتا؛ نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش ھەدىدىن ئارتۇق كۆپ بولۇپ كەتتى؛ ئىز قالدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ ئەمەلىي نەتىجىگە سەل قارالماقتا؛ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكى ئېغىرلاشتى.

3. ئاز ساندىكى كادىرلار ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ھورۇنلۇق ۋە بوشاڭلىق قىلماقتا. قىسمەن ساھەلەردە چىرىكلىك مەسىلىسى يەنىلا كۆپ كۆرۈلمەكتە.

4. بۇ يىل ئېلىمىز تەرەققىياتتا يولۇقىدىغان مۇھىت تېخىمۇ مۇرەككەپ تېخىمۇ كەسكىن بولىدۇ، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ياكى بولمايدىغان خەۋپ-خەتەر، خىرىسلار تېخىمۇ كۆپىيىدۇ ۋە تېخىمۇ زورىيىدۇ، بۇنىڭغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشقا ياخشى تولۇق تەييارلىق قىلىش كېرەك.

5. قىيىنچىلىقنى تۆۋەن مۆلچەرلەشكە، ئىشەنچتە تەۋرىنىشكە، غەيرىتىنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ.

6. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشىگە مەدەت بېرىش ئۈچۈن، تېجەشلىك بولۇپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن مەبلەغ جۇغلىشى لازىم.

7. كارخانىلار ۋە جەمئىيەتكە بەرگەن ۋەدىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىق كۆپ بولسىمۇ باجنى ئازايتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى چوقۇم ياخشى بېجىرىش كېرەك.

8. ھۆكۈمەتلەر ئۆزلىرى باشقۇرۇشقا تېگىشلىك بولمىغان ئىشلارنى بازارغا قەتئىي تاپشۇرۇپ بېرىپ، بايلىقنى بىۋاسىتە تەقسىملەشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، تەكشۈرۈش تەستىقلاش تۈرلىرىدە ئازايتىشقا تېگىشلىكلىرىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىپ، ھەقىقەتەن تەكشۈرۈپ تەستىقلاش زۆرۈر بولغانلىرىنىڭ تەرتىپى ۋە ھالقىسىنى ئىخچاملاپ، كارخانىلارنى كۆپ ۋاقتىنى بازارغا قارىتىش، تەستىقلىتىشقا ئاز كۈچ سەرىپ قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش لازىم.

9. كىنىشكىلەرنى ئازايتىپ خەلققە قولايلىق يارىتىش ئىسلاھات ھەرىكىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇش كېرەك، ئىسپاتنى مۇرەككەپلەشتۈرۈپ كارخانا ۋە ئاممىنى قىيناشقا بولمايدۇ.

10.ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدە ياخشى بىلەن ناچارنى باھالاش تۈزۈمى ئورنىتىش، مۇلازىمەت نەتىجە ئۈنۈمىنى كارخانىلار بىلەن ئامما باھالاش كېرەك.

11. ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ مۇلازىمەتنى ياخشى قىلىشى بۇرچى، مۇلازىمەتنى ياخشى قىلماسلىقى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

12. قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىنىدۇ، قانۇنغا رىئايە قىلغۇچىلارغا ھېچ ئىش يوق.

13. قانۇننى تاللاپ تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىشقا؛ كارخانىلار ۋە ئاممىنى تەڭقىسلىقتا قويۇشقا ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ.

14. ھۆكۈمەتلەر باشلامچىلىق سەمىمىيەتنى تەكىتلىشى ئەھدىگە رىئايە قىلىشى كېرەك، يېڭى رەھبەرنىڭ كونا ھېسابات بىلەن كارى بولمىسا ھەرگىز بولمايدۇ.

15. قانۇن بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ بارلىق قىلمىشلارنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، قانۇننى ئىجرا قىلىش ئادىل مەدەنىي بولماسلىق بارلىق ھادىسىلەرنى قەتئىي تۈزىتىش، مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتە قىلىدىغاننى قىلمىغان خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

16. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بارلىق شەكىلۋازلىق، بيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ ۋە ئۇنى تۈزەپ، كادىرلارنى ھۆججەت دۆۋىسى، يىغىن قاينىمى، باھالاش-تەكشۈرۈشنى كۈتىۋېلىش، ماتېرىيال مەلۇمات جەدۋىلىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، زېھنىنى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش لازىم.

17. نازارەت قىلىش تەكشۈرۈش باھالاشنى ئازايتىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، ئېنتىرنېت قوشۇلغان نازارەت قىلىشنى يولغا قويۇش كېرەك.

18. يىغىن ئېچىش ۋە ھۆججەت تارقىتىشنى ئازايتىش، بۇ يىل گوۋۇيۈەن ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرى باشلامچى بولۇپ يىغىنلارنى ئىخچاملايدۇ، ھۆججەتلەرنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن كۆپرەكىنى قەتئىي ئازايتىدۇ.

19. رىغبەتلەندۈرۈش، چەكلەش مېخانىزمى ۋە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش جاۋابكارلىقنى كەچۈرۈم قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كادىرلارغا ئىش قىلىشنى خالايدىغان، ئىش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان مۇھىت يارىتىش كېرەك.

20. كادىرلار كۈچلۈك كەسىپچانلىق ۋە ئالغا ئىنتىلىش روھى بويىچە، قىيىن مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرماي، مەسئۇلىيەتتىن باش تارتماي، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئىجادىي يوسۇندا ئىشلەپ، خەلققە يۈز كېلەلىگۈدەك يېڭى نەتىجىلەرنى تىرىشىپ بارلىققا كەلتۈرۈپ، جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا شانلىق سەھىپە يارىتىش لازىم.