شىنجاڭلىق ياشلار بۇ بايانلاردىن سۆيۈندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-08 10:31

زۇڭلى لى كېچياڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىدا بەرگەن ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتى ئىككى يىغىنغا قاتناشقۇچىلارغا ئىلھام مەدەت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەرمىللەت پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ئامما ئارىسدا زور تەسىر قوزغىدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر قايسى كەسىپلەر بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان، ئالىي بىلىم يۇرتلىدا ئۆرلەپ ئوقىۋاتقان مۇنەۋۋەر ياشلار دوكىلاتتىكى ئۆزىنىڭ تۇرمۇش، ئۆگىنىش، خىزمىتىگە دائىر مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ ئىپتىخارلانغان ھالدا مۇنداق دېيىشىتى.

ئۈرۈمچى شەھەر تيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ سوت كوللىگىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەملىكەتلىك ئون مۇنەۋۋەر سوتچى گۈلمىرە ئابلىز مۇنداق دېدى:

ئۆتكەن بىر يىلدا مەملىكىتىمىزدىكى ھەرمىللەت خەلقى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە 2018-يىلىنىڭ بېشىدا پىلانلىغان خىزمەتلەرنى ئۈنۈملۈك تاماملاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. 2018-يىلى 3-ئايدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنى تەسىس قىلدى.

شاڭخەي فۇدەن ئۆسمە دوختۇرخانىسىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان مىرشات ئابدۇرېشىت: مەن ئىشىنىمەنكى بۇندىن كېيىنكى تىبابەت تېخىمۇ چوڭ تەرەققىيات باسقۇچىغا يۈزلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە تېخىمۇ ياخشى سىياسەتلەر ئارقىلىق خەلق ئاممىسى بۇ تەرەققىياتلار بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىدۇ، شۇنداقلا ئاز چىقىم بىلەن ياخشى داۋالىنىشتىن بەھرىمان بولالايدۇ.

شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى ئۇسسۇل شىسىنىڭ دوتسېنتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى گۈلمىرە مۇھەممەت مۇنداق دېدى:

بىز بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتىمىزدە، سەھنە ئەسەرلىرىمىزدە ئاساسىي قاتلامنى ئاساس قىلىش، خەلىققە يېقىن بولۇش، خەلىقنىڭ ھەقىقىي ئىچكى ھېسسىياتنى ئىپادىلەش،خەلىقنىڭ تۇرمۇشقا بولغان قىزغىن پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلەيدىغان ياخشى ئەسەرلەرنى كۆپلەپ ئىجاد قىلىپ، خەلققە سۇنۇش، خەلققە روھى ئوزۇق ئاتا قىلىش بىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى خىزمەت نىشانىمىز.

شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد داشۆسىنىڭ دوتسېنتى، ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى ئابدۇراخمان ئابدۇغېنى: بۇ قېتىمقى يىغىندا ئوتتۇرا كىچىك مىكرو تىپتىكى شىركەت كارخانىلار ئۈچۈنمۇ ياخشى سىياسەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەسلەن: ئىلگىرى ئوتتۇرا كىچىك، مىكرو تىپتىكى كارخانىلارنىڭ ئايلىق سىتىش سوممىسى ئەسلى 30 مىڭ يۈەنگە يەتمىسە باج تاپشۇرمايتتى، ھازىر ئايلىق سېتىش سوممىڭىز 100مىڭ يۈەنگە يەتمىسە باج تاپشۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، دەيدىغان سىياسەتلەر چىقتى...

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلىق دوختۇرخانىسى دورىگەرلىك بۆلۈمىدىن: گۈلبەھرەم زېكرى مۇنداق دېدى:

بۇ قېتىمقى خىزمەت دوكلاتىدا يولداش لى كېچىياڭ راك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تەكشۈرۈش، بالدۇر دىئاگىنوز قويۇش، بالدۇر داۋالاش ۋە پەن-تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ خەلىقنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىش كېرەك،دائىم كۆرۈلدىغان سوزۇلما كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقىرى قان بېسىم، دېئابىت قاتارلىق ئامبۇلاتورىيەدە ئىشلىتىدىغان دورىلارنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئاتچوت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك دەپ كۆرسەتتى. مەن تىببىي دورىگەرلىك سىپىدىكى خادىم بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ خەۋەردىن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم.

شىنجاڭ گېزىتىدىن قەشقەر ۋىلايىتى پەيزاۋات ناھىيەسى يېڭىمەھەللە يېزا قاۋۇل كەنتىگە يەسلى مائارىپىغا ياردەمگە چۈشكەن خادىم ئابلەت روزى مۇنداق دېدى:

مېنىڭ يەسلى مائارىپىغا ياردەمگە كېلىپ بايقىغان مەسىلەم بولسا، ھەر بىر سىنىپتىكى ئوقۇغۇچى زىيادە كۆپ بولۇش مەسىلى بولۇپ، يولداش لى كېچياڭ بۇ قېتىمقى ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا دەل مۇشۇ مەسىلىگە قارىتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان شەھەر بازارلاردىكى مەكتەپ سىنىپلىرىدا ئوقۇغۇچى زىيادە كۆپ بولۇش ئەھۋالىنى تۈگىتىشنى چىڭ تۇتۇش دىگەن بايانلار مېنى ناھايىتى خۇشال قىلدى. يېزا كەنت مائارىپىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى كۆرگەندەك بولدۇم. خىزمەت قىزغىنلىقىم ھەسسىلەپ ئاشتى.