ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى بۇ ئۇقۇملارنى بىلىۋېلىشىڭىز كېرەك
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-08 19:29

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا تىلغان ئېلىنغان بىر قىسىم ئۇقۇملارنىڭ بەزىلىرى كۆپچىلىككە تونۇشلۇق، بەزىلىرى يېڭى ئۇقۇملار، بۇ ئۇقۇملارنى چوقۇم بىلىۋېلىشىڭىز كېرەك!

«نومۇر ئۆزگەرتمەي تور ئالماشتۇرۇش» دېگىنىمىز-يانفون ئابونتلىرى يانفون نومۇرىنى ئۆزگەرتمىگەن ئەھۋالدا، ئوخشىمىغان ئاساسلىق تېلېگراف كارخانىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.

«بىر كۆزنەكتە قوبۇل قىلىش، سۈرۈك ئىچىدە بېجىرىپ تۈگىتىش»، «كۆپ بولغاندا بىرلا قېتىم قاتراش» دېگىنىمىز-توردا تەستىقلاش ۋە مۇلازىمەت قىلىشنى يولغا قويۇپ، توردا بىر تۇتاش بېجىرىش، باشقا جايدا بېجىرىشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇپ، نۇرغۇن ئىشلارنى كۆرۈشمەي تۇرۇپلا بېجىرىش، ھەقىقەتەن نەق مەيدانغا بېرىپ بېجىرىشكە تېگىشلىكلىرىنى «بىر كۆزنەكتە قوبۇل قىلىش، سۈرۈك ئىچىدە بېجىرىپ تۈگىتىش»، «كۆپ بولغاندا بىرلا قېتىم قاتراش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.

«زىيادە چوڭ سىنىپ» دېگىنىمىز-شەھەر-بازارلاشتۇرۇش مۇساپىسىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن شەھەر-بازار مەكتەپلىرىنىڭ سىنىپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىيىپ، بەلگىلەنگەن نورمىدىكى ساندىن ئېشىپ كېتىپ، سىنىپتا ئوقۇغۇچى زىيادە كۆپ بولۇش ئەھۋالىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى كۆرسىتىدۇ. زىيادە چوڭ سىنىپلار ئادەتتە ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ، بىر خىلى ئوقۇغۇچى 66 دىن ئاشىدىغان ئالاھىدە زىيادە چوڭ سىنىپ، يەنە بىر خىلى 56 دىن ئاشىدىغان زىيادە چوڭ سىنىپ.

«ھاجەتخانا ئىنقىلابى» دېگىنىمىز-ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ يېزا تۇرالغۇ مۇھىتىنى تۈزەپ، «ھاجەتخانا ئىنقىلابى»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەخلەت، پاسكىنا سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىپ، گۈزەل يېزا قۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.

«كىنىشكە بىلەن ئىجازەتنامىنى ئايرىش» دېگىنىمىز-كىنىشكە بىلەن ئىجازەتنامىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئايرىپ، تېخىمۇ كۆپ بازار سۇبيېكىتلىرىنى كىنىشكە بويىچە تىجارەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرۈپ، «ئىجازەت بەرگەن تۇرۇقلۇق تىجارەت قىلىشىغا يول قويماسلىق» مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، بازار سۇبيېكىتلىرىنىڭ «بىر كىنىشكە، بىر نومۇر بىلەن ئىش باشلىشى»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.

«يېرىم-يارتا قۇرۇلۇش» دېگىنىمىز-بازارلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا ئىلھام بېرىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىلىرىنىڭ قەرەلى توشقان قەرز مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش، يېرىم-يارتا قۇرۇلۇش قىلماسلىق مەسىلىسىنى كۆرسىتىدۇ.

«ياخشى-ناچارلىرىنى باھالاش تۈزۈمى» دېگىنىمىز-ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدە «ياخشى-ناچارلىرىنى باھالاش» تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مۇلازىمەت ئۈنۈمىگە كارخانىلار ۋە ئامما باھا بېرىشنى كۆرسىتىدۇ.

«بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش»-«بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخىنىڭ تۆۋەنلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پىشقان ماھارەت ئارقىلىق تەرەققىيات يۇمشاق مۇھىتىنى يارىتىشنى كۆرسىتىدۇ.

«سۇنى جىقلاپ بېلىقنى كۆپەيتىش» دېگىنىمىز-بۇ قېتىم باج كېمەيتىشتە، «سۇنى جىقلاپ بېلىقنى كۆپەيتىش»، تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى ئاشۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇش ھەم مالىيەنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ئويلىشىشنى كۆرسىتىدۇ، بۇ-كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ۋە بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشتىكى زور تەدبىر، باج تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كىرىم تەقسىمات ئەندىزىسىنى سەرخىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ئىسلاھات، شۇنداقلا ماكرو سىياسەت ئارقىلىق مۇقىم ئاشۇرۇشقا، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كاپالەتلەندۈرۈشكە، قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە مەدەت بېرىشتىكى مۇھىم تاللاش.

«ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»

«ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»

«ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق»-كىيىنىش، تويۇنۇشتىن غەم قىلدۇرماسلىقنى، «ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»-مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىش، تۇرالغۇ ئۆي بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. «ئۈچ رايون»-شىزاڭ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى زاڭزۇلار رايونىنى؛ «ئۈچ ئوبلاست»-گەنسۇدىكى لىنشيا ئوبلاستى، سىچۈەندىكى لياڭشەن ئوبلاستى، يۈننەندىكى نۇجياڭ ئوبلاستىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، دۆلەت قاتلىمىدىكى ئېغىر نامرات رايونلار. «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»-پۈتۈن مەملىكەتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ئومۇملۇقىدا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە، ئەۋزەل كۈچلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىنى ياخشى قىلىش شەرت.

ئالاقە تورى قوشۇلغان دېگىنىمىز-ھەر قايسى كەسىپ، ھەر قايسى ساھەلەردە ئالاقە تورى قوشۇلغاننى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.

ئالاقە تورى قوشۇلغان ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى، ئالاقە تورى قوشۇلغان نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش، ئالاقە تورى قوشۇلغان مائارىپ، ئالاقە تورى قوشۇلغان ھەيدەكچىلىك قاتارلىق ئالاقە تورى قوشۇلغان ئىشلىرى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆپ ئىمكانىيەت ئاتا قىلدى شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇردى.

ئەقلىي قوشۇلغان دېگىنىمىز-سانائەت ئالاقە تورى سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئەقلىي قوشۇلغاننى كېڭەيتىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئىقتىدار ئاتا قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئەقلىي قوشۇلغان-تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈردى.