رەسىملىك! ئىككى يىغىندىكى خانىم-قىزلارنىڭ بايراملىق كەيپىياتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-09 11:37

بۈگۈن «8-مارت» خەلقئارا ئاياللار بايرىمى. 2019-يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئايال ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ ئايال ئەزالىرى مەسئۇلىيىتىنى ئاكتىپ ئادا قىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆزلىرىنىڭ تۆھپىسىنى قوشماقتا؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئايال مۇخبىرلار، خىزمەتچىلەر ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنىدا جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ، ئىككى يىغىننىڭ تەشۋىق قىلىش، ئىككى يىغىنغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرمەكتە.  

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

«ئىككى يىغىن» مەزگىلدە يېتىپ كەلگەن ئاياللار بايرىمى بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئايال ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ بايرىمىنى قۇتلۇقلايمىز.  

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئايال ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ ئايال ئەزالىرى ۋەكىللىك، ئەزالىق سالاھىيىتىدىن باشقا، پۈتۈن دۇنيادىكى ئاياللارغا ئوخشاش پەرزەنتلىرىگە كۆيۇنىدىغان ئانا، ئانىسىنى ئەسلەتكۈزىۋاتقان قىز، ئۇلار گۈزەللىكنى، ئائىلىنى سۆيىدۇ، ئارزۇسىمۇ، غەم قايغۇسىمۇ بار. بۇ قېتىمقى «8-مارت» ئاياللار بايرىمىدا ئۇلارنىڭ قانداق ئارزۇلىرى باردۇ؟

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى جاۋ خۈيجيې: مېنىڭ ئارزۇيۇم- بۇ يىل ئائىلەمدىكىلەرگە ئىمكانقەدەر كۆپرەك ھەمراھ بولۇش. ئۆتۈپ كەتكەن 2018-يىلى، مېنىڭ ئائىلىدە تۇرغان كۈنۈم ساناقلا، ئائىلەمدىكىلەرگە ناھايىتى قەرىزمەن. بۇ يىل خىزمەت ئۈنۈمىمنى ئۆستۈرۈپ، كۆپرەك ۋاقتىمنى ئائىلەمدىكىلەرگە چىقارسام دەيمەن.

مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەش ئەزاسى چۇەن جېنزې: دۆلىتىمىزنىڭ تېخىمۇ قۇدرەت تېپىشىنى، باي-باياشات بولۇشىنى، گۈللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. دۆلىتىمىز قۇدرەت تاپسىلا، خەلقىمىز، ئائىلىمىز ئاندىن بەختلىك بولىدۇ، بىزمۇ بەختلىك بولالايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئانامنىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى، پەرزەنتلىرىمنىڭ ھەممە ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق، بەختىلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ ئادەمنى ئەڭ خۇشال قىلىدىغان ئىشلار.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى گېساڭ جوگا: مەن ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ، روناق تېپىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.  

 

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى تاڭ چۈنيۈ: بۇ يىلقى ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم شۇكى، مەن يېتەكچىلىك قىلغان پەن-تەتقىقات ئۆمىكىنىڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىپ قىزىمغا ھەمراھ بولسام دەيمەن.

 

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى يۈ شاۋچىن: ئائىلەمدىكىلەرنىڭ سالامەت، تىنچ-ئامان بولۇشىنى، خىزمىتىمنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى جاڭ لى: ئائىلىدىكى چوڭلارنىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى، پەرزەنتلىرىمنىڭ ساق-سالامەت چوڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

ئەمدى نەزىرىمىزنى 2019-يىللىق مەملىكەتلىك ««ئىككى يىغىن»دىكى ئاياللارنىڭ قىياپىتىگە ئاغدۇرايلى:
 

3-ئاينىڭ 3-كۈنى

3-ئاينىڭ 3-كۈنى سىياسى مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنى خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئايال ئەزالىرى مىللىيچە كىيىملىرىنى كىيىشىپ يىغىنغا قاتناشتى.  

 

مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەش يىغىنى ئېچىلغان كۈنى ئەگەشمە تەرجىمىگە مەسئۇل بولىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت خىزمەتچىلىرى. 
 

 

 

 

مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش يىغىنىدىكى ئايال مۇخبىرلار
 

خەلق سارىيىدىكى ئايال مۇلازىمەتچىلەر

3-ئاينىڭ 4-كۈنى

3-ئاينىڭ 4-كۈنى سىياسى مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت ساھەسىدىكىلەر گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى ئۆتكۈزدى. چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ خەيشى موڭغۇل-زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى دېلىڭخا شەھىرىدىن كەلگەن مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەش ئەزاسى جىن خۇا: مىللىي رايونلارنىڭ مەدەنىيەت، ساياھىتىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ساياھەت، مەدەنىيەت بازارلىرىنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.  

 

ئايال مۇخبىر ئاز سانلىق مىللەت ساھەسىدىكىلەرنى گۇرۇپپا يىغىنى نەق مەيدانىدا سۈرەتكە تارتماقتا.  

 

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى گېساڭ جوگا (ئوڭدىكى كىشى) مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا.

3-ئاينىڭ 5-كۈنى 
 

 

 

3-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كېيىن، سىياسى كېڭەشنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئەزالىرى «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»نى قىزغىن مۇزاكىرە قىلماقتا.

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ ئايال مۇخبىرى مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى ئەزاسىنى زىيارەت قىلماقتا.

ئايال مۇخبىر زىيارىتىنى ئاياقلاشتۇرغاندىن كېيىن، يەردە ئولتۇرۇپلا ماقالە يوللىماقتا.

3-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كىيىن سىياسى كېڭەش ئەزالىرى تۈرۈشلۇق بېيجىڭ دوستلۇق مېھمانخانىسىنىڭ ئاشخانىسىدا ئايال خىزمەتچى ئالدىراش خىزمەت قىلماقتا.

3-ئاينىڭ 6-كۈنى

 

نەق مەيداندىكى خىزمەتچى سىياسى كېڭەش ئەزاسى گۇڭ خەنلىن (سولدىكى كىشى) بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.  

 

بېيجىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسسىنىڭ مۇخبىرى مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ 2-مەيدان مۇخبىرلار يىغىنىدا نەق مەيداندىن خەۋەر بەرمەكتە.

 

مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ 2-مەيدان مۇخبىرلار يىغىنىغا قاتناشقان چەتئەللىك مۇخبىر.

 

مېدىيا ئاخبارات مەركىزىنىڭ كۆپ ئىقتىدارلىق زالىدىكى خىزمەتچىلەر. ھەر يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، بۇ يەردە نەچچە ئون مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلىدۇ.

3-ئاينىڭ 7-كۈنى

 

ئاخبارات، نەشىرىيات ساھەسىنىڭ گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەش ئەزاسى خەيشيا

 

مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ ئاياللار بىرلەشمىسى ساھەسىدىكى ئەزاسى خۇداگۈلا (ئوڭدىكى كىشى) ئايال مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا.

 

 

3-ئاينىڭ 7-كۈنى سىياسى مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت ساھەسىنىڭ 49-، 50-گۇرۇپپىلىرىدىكى ئەزالار بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرە يىغىنى ئاچتى.

 

يىغىن ئاياقلاشقاندىن كېيىن ئاز سانلىق مىللەت ساھەسىدىكى ئايال ئەزالار بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشۈپ ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلار پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئايال قېرىنداشلارنىڭ «8-مارت» ئاياللار بايرىمىنى مۇبارەكلىدى.