ئۈچىنچى مەيدان «مىنىستىرلار كارىدورى» ئېچىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-10 16:04

بۇ يىلقى ئىككى يىغىننىڭ ئۈچىنچى مەيدان «مىنىستىرلار كارىدورى» 3-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئېچىلدى. دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسى، گوۋۇيۈەن شياڭگاڭ-ئاۋمىن ئىشلىرى ئىشخانىسى قاتارلىق يەتتە مىنىستىرلىق كومىتېتنىڭ مەسئۇللىرى كارىدوردا نۇرغۇن قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇردى.

«كېسەل كۆرسىتىش قىيىن ۋە قىممەت بولۇش» مەسىلىسى بۇ يىلقى ئىككى يىغىندىكى نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى تېمىسى، دۆلەتلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما شاۋۋىي مىنىستىرلار كارىدورىدا: «كېسەل كۆرسىتىش قىيىن ۋە قىممەت بولۇش»تىكى تۈپ سەۋەب ئېلىمىزنىڭ داۋالاش بايلىقىدىكى تەمىنات ۋە ئېھتىياج زىددىيىتىنىڭ گەۋدىلىك بولغانلىقىدا، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دەرىجە بويىچە داۋالاش تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دېدى.

2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كۈنسېرى يېقىنلىشىۋاتىدۇ، دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گوۋ جۇڭۋىن مىنىستىرلار كارىدورىدا تونۇشتۇرۇپ: «مۇسابىقىلەر ئېسىل ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئېسىل مۇسابىقىلەر بولىدىغان» تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىمىز، پۈتۈن تۈر بويىچە مۇسابىقىلىشىش «ئېسىل مۇسابىقىلەر بولۇش»نىڭ مۇھىم ھالقىسى، دېدى.

گوۋۇيۈەن شياڭگاڭ-ئاۋمىن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ شاۋمىڭ، گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ما جيەنتاڭ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى لو شۇگاڭ، پەن-تېخنىكا مىنىستىرى ۋاڭ جىگاڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىدىكى يېڭى قۇۋۋەتنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مۇلازىمىتى سۈپىتىنى ئاشۇرۇش، پەن-تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇخبىلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.