يەرھۆددىگەرلىك قانۇنى، ئۆي-زېمىن بېجى قانۇنى ھەققىدىكى ئىنكاسلار
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-10 16:14

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى ئاخبارات مەركىزى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مۇخبىرلار يىغىنى ئاچتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېزا ئىگىلىك ۋە يېزا كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن شىۋېن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئورتۇ يېزا يەر ھۆددىگەرلىك قانۇنى، ئۆي-زېمىن بېجى قانۇنىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە جۇڭگو ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېزا ئىگىلىك ۋە يېزا كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن شىۋېن يېزا يەر ھۆددىگەرلىك قانۇنى ھەققىدە توختىلىپ، دېھقانلاردىن ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن چېكىنىپ چىققاندىلا، ئاندىن شەھەر نوپۇسىغا كىرەلەيدۇ دەپ تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يېزا يەر ھۆددىگەرلىك قانۇنى تۈزىتىلمە لايىھەسىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللاپ، مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان يېزا يەرلىرىنىڭ بۇرۇنقى ئىگىدارلىق ھوقۇقى بىلەن ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئايرىپ، ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى، باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن ئىبارەت ئۈچ ھوقۇققا ئايرىش بېكىتىلدى. ھۆددىگەر دېھقانلار يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار يەنىلا كوللېكتىپ يەرگە بولغان ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، بۇ ماددا ئۆزگەرمەيدۇ.

بۇ قېتىمقى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 1-، يەر ھۆددىگەرلىك مۇناسىۋىتى مۇقىم بولىدۇ ھەم ئۇزۇنغىچە ئۆزگەرتىلمەي، دېھقانلار تېخىمۇ خاتىرجەم قىلىنىدۇ. 2-، شەھەر نوپۇسىغا كىرمەكچى بولغان دېھقانلاردىن ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن چېكىنگەندىلا، ئاندىن شەھەر نوپۇسىغا كىرەلەيدۇ دەپ تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ. ھۆددىگەرلىك مۇددىتى ئىچىدە يەر ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن چېكىنىپ چىقىش-چىقماسلىقنى دېھقانلار ئۆزى قارار قىلىدۇ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئورتۇ ئۆي-زېمىن بېجى قانۇنى ھەققىدە توختىلىپ، شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدۇ دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆي-زېمىن بېجى قانۇنىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خامچوت خىزمىتى كومىتېتى بىلەن مالىيە مىنسىتىرلىقى تەشكىللەپ تۈزمەكتە، نۆۋەتتە، ئالاقىدار تارماقلار قانۇن لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مۇھىم مەسىلىلەرنى دەلىللەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتىدۇ، شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تۇنجى قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدۇ.