دەم ئېلىش كۈنى جىق بولسا ھە! ۋەكىللەر بىز ئۈچۈن گەپ قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-10 16:16

چاغان ھارپىسى قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىش كۈنىگە كىرگۈزۈلسە

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى جۇ خەيبو چاغان ھارپىسى قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىش كۈنىگە كىرگۈزۈلسە دەپ تەكلىپ بەردى.ئۇ بۇ كۈنى ئىشلىگەن تەقدىردىمۇ خىزمەتچىلەرنىڭ زېھنى يەنىلا خىزمەتتە بولمايدۇ دېدى.

 

چاغانلىق دەم ئېلىش 10 كۈنگە، چوكانتال بايرىمى يەتتە كۈنگە ئۇزارتىلسا

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلىتىيى ۋەكىلى جى گۈيفېڭ چاغان، چوكانتال بايرىمى دەم ئېلىش مەزگىلىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىش ھەققىدە تەكلىپ سۇنۇپ، 2020-يىلىدىن باشلاپ، دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش ۋە خىزمەت ۋاقتىنى تەڭشەش ئۇسۇلى ئارقىلىق، چاغانلىق دەم ئېلىش 10 كۈنگە، چوكانتال بايرىمىلىق دەم ئېلىش يەتتە كۈنگە ئۇزارتىلسا دەپ تەكلىپ بەردى.

 

ئىككى يېرىم كۈنلۈك قىسقا دەم ئېلىش كۈنى مەملىكەت بويىچە ئومۇملاشتۇرۇلسا

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلىتىيى ۋەكىلى شيوڭ سىدوڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلىتىيى 2-يىغىنىدا ئىككى يېرىم كۈنلۈك قىسقا دەم ئېلىش كۈنىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى تەكلىپنى سۇنۇپ، ئىككى يېرىم كۈنلۈك قىسقا دەم ئېلىشنى مەملىكەتلىك خاراكتىرلىق سىناقتىن مەملىكەت خاراكتىرلىق سىياسەتكە ئايلاندۇرۇشقا تىز تۈرۈتكە بولۇشنى مۇراجىئەت قىلدى.

 

ئالىي ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەتىيازلىق، كۈزلۈك تەتىلى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشلىق دەم ئېلىشى بىلەن ماسلاشتۇرۇلسا

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلىتىيى ۋەكىلى خۇاڭ شىخۇا ئالىي ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەتىيازلىق ، كۈزلۈك تەتىلى ئەمەلىيلەشتۈرۈلسە دەپ تەكلىپ بەردى.

 

دېھقانلار كالىندارى بويىچە چىشى بايرىمى قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام كۈنى قېلىپ يېڭىدىن كۆپەيتىلسە

مەملىكەتلىك خەلق قۇرولىتىيى ۋەكىلى چېن جىڭ چىش بايرىمىنى دۆلەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام كۈنى قېلىپ يېڭىدىن كۆپەيتىش ھەققىدە تەكلىپ بەردى. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ تەدبىر ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئاشىق مەشۇقلار بايرىمى ماركىسىنى ياراتقىلى، توغرا تويلىشىش مۇھەببەتلىشىش قارىشىشنى يىتىلدۈرۈشكە يېتەكلىگىلى بولىدۇ. ھەمدە بۇ دەم ئېلىش مەزگىلىنى تەڭپۇڭ ئورۇنلاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، بايرام مەزگىلىدە مەركەزلىك سەپەرگە چىقىش ۋە ساياھەت قىلىش بېسىمىنى يىنىكلەتكىلى بولىدۇ.