گۈزەل جۇڭگوغا ئاسماندىن نەزەر- فۇجيەن بۆلىكى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-11 16:40

 

«ئايروكامېرادىكى جۇڭگو»نىڭ 2-قىسمىنىڭ بوشلۇق سەپىرى داۋاملىشىپ، فۇجيەن تاغ-دەريالىرى ئوتتۇرىسىدىكى سەھىپىسى ئېچىلدى.

گۇلاڭ ئارىلى

جوڭجۇ ئارىلى


بۇ ئاجايىپ زېمىندا ھەم بۈك-باراقسان ياپيېشىل تەبىئىي مەنزىرىلەر ھەم كىشى قەلبىنى ھەيرەتتە قالدۇرىدىغان ئادىمىيەت تىندۇرمىسى بار؛ بوشلۇقتا ئايلانغاندا، ھەم ۋاقىت ئۇزىرىغاندىن كېيىن قويۇق تارىخىي تۇيغۇغا چۆمگىلى ھەم ئوچۇق، گۈللەنگەن كېلەچەكنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.


مازۇ ھەيكىلى

مېيجۇ ئارىلى

بۇ زېمىندا يەر شارىدىكى ئەڭ دەسلەپكى ئاستىلىق ۋە سالماقلىق بار، جيۇچۈ ئۆستىڭىنىڭ ئۈزۈلمە قاتلىمى ئوتتۇرىسىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەندە، سۇلار تىك تاش قىيالاردىن ئېقىپ ئۆتكەندىن كېيىن ئىنچىكە ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ يىراققا قاراپ ماڭىدۇ؛ يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن شاماللار ئاستا-ئاستا ئۇپرىتىپ، تەبىئەت مىليون يىللار ئارقىلىق دەنشيادىن ئىبارەت بۇ ئۆزگىچە ئېسىل مۆجىزىنى ئىجاد قىلغان. بۇ زېمىننى بويلاپ ماڭغاندا، بىز تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي ھالىتىنى كۆرەلەيمىز.


ۋۇيىشەن تېغى

جيۇچۈ ئۆستىڭى

بۇ زېمىندا ھەم «ئائىلە» مەدەنىيىتى مۇكەممەل ساقلانغان تىندۇرما بار، ئاسمان بىلەن زېمىن ئارىسىدا، كىشىلەر فۇجيەن يەرلىك ئۆيلىرىنى سالغان، بۇ يەرگە «مېتال، ياغاچ، سۇ، ئوت، تۇپراق»تىن ئىبارەت قەدىمىي پاراسەت مۇجەسسەملەنگەن ھەم ئوتۇن، گۈرۈچ، ياغ، تۇز، قازان-قومۇچلار ئارىسىدا، چوڭ جەمەتنىڭ ئىتتىپاقلىقى ھەم ئۆيگە قايتقاندىكى ئىللىقلىقى گەۋدىلەنگەن.


ئېتىز قۇلۇلىسى ئۇۋىسىغا ئوخشايدىغان يەرلىك ئۆيلەر


شياپۇ ساھىلى

بۇ زېمىندا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ سېھرىي كۈچى بار، «دېڭىز ئۈستىدىكى نۆل كىلومېتىر» دېگەن نامى بار چۈەنجۇ يەنىلا ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە. ئىلگىرى، غەربتىن كەلگەن مېھمانلار بۇ يەردىن شەرقنى كۆرگەن، بۈگۈنكى كۈندە، دېڭىز يىپەك يولىدىن دۇنيانى تۇتاشتۇرىدىغان يىپيېڭى سەپەر قايتىدىن باشلاندى.


قوش مۇنار

«ئايروكامېرادىكى جۇڭگو»نىڭ 2-قىسمى سىزنى فۇجيەنگە باشلاپ بېرىپ، بۇ ئىللىق تۇپراقنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.