ئەزا دىلنار ئابدۇللا ئەزالار كارىدورىدا نېمە دېدى؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگەۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-11 17:47

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ 2-مەيدان «ئەزالار كارىدورى» 3-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ توققۇز ئەزاسى ئەزالار كارىدورىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى، بۇلارنىڭ ئىچىدە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى دىلنار ئابدۇللامۇ بار، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى دىلنار ئابدۇللا ئەزالار كارىدورىدا مۇخبىرنىڭ «سىز ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، يۇرتىڭىز شىنجاڭدا سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش جەريانىدىكى ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرەمسىز؟» دېگەن سوئالىغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

«جۇڭگو ئارزۇيىمىز-مەدەنىيەتنى ئون مىڭلىغان ئائىلىگە يەتكۈزۈش»، «شادلىقنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش» قاتارلىق سەنئەت پائالىيەتلىرى شىنجاڭدا كەڭ قانات يايدۇرۇلدى. بىز ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى نادىر ئەسەرلەرنى خەلق ئارىسىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارغا مەنىۋى ئوزۇق تەقدىم قىلىمىز، سەنئەت نومۇرلىرىمىز ئارقىلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئامما ئۈچۈن گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشقا ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى، غەمخورلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ئاممىغا بىلدۈرىمىز.

بىر قېتىم بىز ئاقسۇدىكى بىر كەنتتىكى مەدەنىيەت قورۇسىدا سىرتتىكى سەھنىدە ئويۇن قويماقچى بولدۇق، ئۇ ۋاقىتتا تېمپىراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن توققۇز سېلىتسىيە گىرادۇس بولۇپ، ھاۋا سوغۇق بولغاچقا چۈشتىن كېيىن سائەت بىردە سەنئەت پائالىيىتىمىزنى باشلىدۇق، كەنت ئاھالىلىرى سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئەتىگەن سائەت ئالتىلەردىلا مەدەنىيەت قورۇسىغا كېلىشكە باشلىغانىدى، بىردەمدىلا مەدەنىيەت قورۇسى كەنت ئاممىسى بىلەن لىق تولدى، سەنئەت پائالىيىتىدە بىز ئەدەبىيات سەنئەت خىزمەتچىلىرى كەنت ئاممىسىنى بىرلىكتە ئۇسۇل ئويناشقا، ناخشا ئېيتىشقا تەكلىپ قىلدۇق، مەيداننىڭ كەيپىياتى تولىمۇ كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ، ھەممەيلەن تولىمۇ ھاياجانلاندۇق. كەنت ئاممىسى بىزنىڭ قىسقا يەڭلىك ياكى نېپىز سەنئەت كىيىملىرى بىلەن ئۇلار ئۈچۈن سەنئەت نومۇرلىرى ئورۇنداۋاتقانلىقىمىزنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ قېلىن چاپانلىرىنى سېلىپ بىزگە كىيدۈرۈپ قويدى، ھېلىمۇ ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، ئۇ ۋاقىتتا ياشانغان ئەر-ئايال چاقلىق ئورۇندۇقتىكى نەۋرىسى بىلەن قورۇنىڭ سىرتىدا سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرۈۋاتاتتى، مەن ئۇلاردىن نېمىشقا كىرىپ كۆرمەيسىلەر دەپ سورىسام، ئۇلار:ئورۇن قالماپتۇ، سىلەرنىڭ سەنئەت نومۇرلىرىڭلارنى مۇشۇ يەردە تۇرۇپ كۆرۈپمۇ ناھايىتى خوشال بولدۇق دېگەنىدى، مەن بۇنى ئاڭلاپ تولىمۇ تەسىرلەندىم. خەلق ئاممىسىنىڭ سەنئەتكە بولغان ئىشتىياقى بىز ئەدەبىيات سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى تولىمۇ تەسىرلەندۈردى.

خەلق ئەدەبىيات-سەنئەتكە ئېھتىياجلىق، ئەدەبىيات-سەنئەتمۇ خەلققە ئېھتىياجلىق، بۇنىڭدىن كېيىن ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئاساسىي قاتلامغا تېخىمۇ كۆپلەپ چۈشۈپ، ئامما ئارىسىغا چۆكۈپ، ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئۇلاردىن ئۆگىنىپ، ئۇلاردىن ئوزۇق ئېلىپ، يېڭى دەۋرگە ماس كېلىدىغان تېخىمۇ نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىپ، خەلققە، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە جاۋاب قايتۇرىمىز.