پۇقراۋى ئىگىلىك ياراتقان 56789
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-12 15:18

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ ئاخبارات مەركىزى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى مۇخبىرلار يىغىنى ئاچتى. دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىغا قوشقان تۆھپىسىنى تىلغا ئېلىپ، بۇنى 5، 6، 7، 8، 9 دېگەن سانلارغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ، دېدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

5 -- پۇقراۋى ئىگىلىك جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ %50تىن ئارتۇق باج كىرىمىنى ياراتتى.

6 -- %60تىن ئارتۇق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ياراتتى.

7 -- %70تىن ئارتۇق تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى ياراتتى.

8 -- %80تىن ئارتۇق شەھەر-بازار ئەمگەكچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى ياراتتى.

9 -- پۇقراۋى ئىگىلىك كارخانىلىرىنىڭ سانى %90تىن كۆپرەكنى ئىگىلىدى.

پۇقراۋى ئىگىلىك سالمىقى زور بولغاچقا، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى زور كۈچ بىلەن سەرخىللاشتۇرۇش زۆرۈر. 3-ئاينىڭ 5-كۈنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇلغان ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا، پۇقراۋى ئىگىلىك ئۈچۈن مۇنداق زور سوۋغاتلار تەييارلاندى.

1-، ئىككىدە تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىش، قوللاش ۋە يېتەكلەش.

2-، رىقابەتنىڭ نېيىتراللىق پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئامىلغا ئىگە بولۇش، ئىجازەت بېرىش، تىجارەتنى يۈرۈشتۈرۈش، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش ۋە خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش قاتارلىق تەرەپلەردە، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىك كارخانىلىرىغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش.

3-، يېقىن، ئېنىق، يېڭىچە ھۆكۈمەت بىلەن سودىگەرلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلارنىڭ ئالاقە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىچىلار روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات دەرىجىسىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش.

4-، مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ھوقۇققا دەخلى قىلىش قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە جازالاش، خاتا، ناھەق دېلولارنى تۈزىتىش.

5-، ياخشى تىجارەت-سودا مۇھىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، كارخانىچىلارنى خاتىرجەم ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىش، كارخانىنى خاتىرجەم باشقۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرۈش. بىز پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىغا قوشقان تۆھپىلىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، پۇقراۋى ئىگىلىك، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.