بۇ يىل «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى» قىلىندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-12 15:52

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئىشخانىسى يېقىندا «شەكىلۋازلىق گەۋدىلىك مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شەكىلۋازلىق، بيۇكراتلىقتىن ساقلىنىش ھەققىدە بىر قاتار مۇھىم كۆرسەتمىلەرنى بەردى. يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەخسۇس مۇھىم تەستىق سېلىپ، 2019-يىلى ئاساسىي قاتلامنى چىرماپ كەلگەن بىر قىسىم شەكىلۋازلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىشنى تەكىتلىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىسى ۋە تەستىقىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارنىڭ يۈكىنى تېخىمۇ يېنىكلىتىپ، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، ئىش قىلىشقا، بوشاشماي كۆرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن، مەركەز رەھبەرلىرىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن 2019-يىلىنى «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى» قىلىش قارار قىلىندى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق بەش خىزمەت تەلىپى قويۇلدى:

بىرىنچى، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ ئىدىيەۋى تەربىيەنى كۈچەيتىپ، پارتىيەۋىيلىك ساپ بولماسلىق، سىياسىي نەتىجە قارىشى خاتا بولۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش.

ئىككىنچى، قاتلاممۇ-قاتلام ھۆججەت تارقىتىش، قاتلاممۇ-قاتلام يىغىن ئېچىشنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ھۆججەت يىغىنلار كۆپ بولۇش مەسىلىسىنىڭ قايتا باش كۆتۈرىشىنى كۈچەپ ھەل قىلىش.

ئۈچىنچى، پىلانلىق باشقۇرۇش ۋە يولغا قويۇشنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈش، باھالاش بەك كۆپ بولۇش، ئارتۇقچە بولۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش.

تۆتىنچى، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ۋە رىغبەتلەندۈرۈش، غەمخورلۇق قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كادىرلار مەسئۇلىيەتچان بولالماسلىق، رولىنى جارى قىلدۇرالماسلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش.

بەشىنچى، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنى چىرماپ كەلگەن شەكىلۋازلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش.