كېيىن مەكتەپ فورمىسىنى سالماي كىيىسىز
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-12 16:01

ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشكە «ئەلا سۈپەتلىك تەمىنلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ناچار مەكتەپ فورمىسىنى توسۇش توغرىسىدا تەكلىپ»نى كوللېكتىپ سۇندى (قىسقارتىپ «تەكلىپ» دېيىلىدۇ).

«تەكلىپ»نىڭ مەزمۇنى مىڭ پارچىدىن ئارتۇق سوئال-جاۋاب قەغىزى تارقىتىپ تەكشۈرۈلگەن بىر قوللۇق ئۇچۇرغا ئاساسەن تاماملاندى

يۇقىرىقى «تەكلىپ»نى جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتى ئاياللار ۋە ياشلار خىزمىتى كومىتېتى باشلامچىلىق بىلەن تاماملىدى. 3-ئاينىڭ 9-كۈنى، بۇ تەكلىپنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى سېڭ روڭ تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: 2018-يىلى، مەن ئۆمەك باشلاپ نۇرغۇن جايدا نەق مەيداندا مەخسۇس تەكشۈرۈپ ۋە نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈپ، مىڭ پارچىدىن ئارتۇق سوئال-جاۋاب قەغىزىنى تارقىتىپ ۋە يىغىپ نۇرغۇن تەپسىلىي بىرىنچى قول ئۇچۇرغا ئېرىشتىم.

مەكتەپ فورمىسىنىڭ ئادەم تەربىيەلەش ۋە ئىستېتىك ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىش كېرەك

«تەكلىپ»تە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى : 2018-يىلى ئالاقىدار مەخسۇس تېمىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىكى ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر دۆلەت ئىچىدىكى مەكتەپ فورمىلىرىغا ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى %30 تىن تۆۋەن ئىكەن. بەزى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر بىر تەرەپلىمە ھالدا قېلىپلاشتۇرۇش، بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تەكىتلەپ، مەكتەپ فورمىسىنىڭ ئازادىلىك دەرىجىسى ۋە گۈزەللىك تۇيغۇسىغا ئەھمىيەت بەرمىگەن، كۆپ ھاللاردا قۇرۇلمىسى بوش، شەكلى كۆرۈمسىز مەكتەپ فورمىلىرىنى بۇيرۇتقان، بۇ مەكتەپ فورمىسىنىڭ ئېستېتىكا مائارىپى، بىلىشكە يېتەكلەش قاتارلىق ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشقا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ فورمىسىنى كىيىشتىن بىزار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

«تەكلىپ»تە مەكتەپ فورمىسىنىڭ ئىقتىدارىغا بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، مەكتەپ فورمىسىنىڭ گۈزەللىك تۇيغۇسى ۋە ئازادىلىك دەرىجىسىنى ياخشىلاپ، مەكتەپ فورمىسىنى كىيىشنى ئوقۇغۇچىلار ياقتۇرماسلىق، ئامما رازى بولماسلىق مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىش تەۋسىيە قىلىندى.

«تەكلىپ» يەنە مەكتەپ فورمىسى كارخانىلىرىنىڭ پىشىپ يېتىلگەن تەتقىقات سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، ئىقتىدارلىق رەختلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە مەكتەپ فورمىسى پاسونىنى لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، «1000 مەكتەپتە بىر فورما بولۇش، ئۇن خالتىسىدەك بولۇپ قېلىش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تەۋسىيە قىلىندى.

سۈپەت باشقۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «زەھەرلىك مەكتەپ فورمىسى»نى توسۇش كېرەك

«تەكلىپ» تە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ھازىر مەملىكەت بويىچە 250 مىڭغا يېقىن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ بار، مەكتەپ فورمىسىنى نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈش قاتارلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ قاپلىنىش نىسبىتى %1 كىمۇ يەتمەيدۇ. سۈپەت بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكىنى پۇختا ساقلاش ئۈچۈن «تەكلىپ»تە دۆلەتلىك بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى مەكتەپ فورمىسىنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزسە؛ ھەر قايسى جايلارنىڭ ئىستېمالچىلار، كارخانىلار، يوللارغا قارىتا مەكتەپ فورمىسى سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش يېڭى ۋاسىتىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە ئىلھام بەرسە؛ نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ قاپلاش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، مەكتەپ فورمىسى مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈشنى بىرلىكتە قانات يايدۇرسا دەپ تەكلىپ بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، «تەكلىپ» يەنە، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر مەكتەپ فورمىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى مالىيە مەبلىغى جەھەتتە قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرسا، مائارىپ تارماقلىرى مەكتەپ فورمىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى مەكتەپ بىخەتەرلىكىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ئاتا-ئانىلارنى خاتىرجەم سېتىۋېلىش، ئوقۇغۇچىلارنى كۆڭۈللۈك مەكتەپ فورمىسى كىيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلسا.