زۇڭلىنىڭ دوكلاتىدىكى 20 «چوڭ قىزىل بولاق»نى بىلىۋېلىڭ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-12 16:22

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇزدا خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.

دوكلاتتا، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان نۇرغۇن «قىزىل بولاق»لار ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بىز بۇلارنى رەتلەپ چىقتۇق، تېزدىن بىلىۋېلىڭ!

پۈتۈن بىر يىلدا كارخانىلارنىڭ ئىككى تىرىليون يۈەنگە يېقىن باج يۈكى يېنىكلىتىلىدۇ

قوشۇلما قىممەت بېجى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن يىلدا كارخانىلارنىڭ باج ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ھەققى يۈكى ئىككى تىرىليون يۈەنگە يېقىن يېنىكلىتىلىدۇ. شەھەر-بازار ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئىدارە تاپشۇرۇش نىسبىتى تۆۋەنلىتىلىدۇ، جايلار %16 كە چۈشۈرسە بولىدۇ. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن شەخسىي تاپاۋەت بېجى قانۇنىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق، باج ئازايتىش سىياسىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان 80 مىليون باج تاپشۇرغۇچى نەپ ئالالايدۇ.

ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىراجىتى يەنە %3 ئازايتىلىدۇ

مەركەز مالىيەسى كىرىمنى ئاشۇرۇپ، چىقىمنى تېجەپ، ئالاھىدە بەلگىلەنگەن دۆلەت پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى ۋە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرىغا تاپشۇرىدىغان پايدىسىنى كۆپەيتىپ، ئادەتتىكى چىقىمنى %5 تىن كۆپرەك ئازايتىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىراجىتىنى يەنە %3 ئەتراپىدا ئازايتىدۇ.

ماھارەت ئۆستۈرۈش ۋە ئىش ئورنى ھەم كەسىپ ئالماشتۇرۇش جەھەتتىن تەربىيەلەشكە يۈز مىليارد يۈەن ئاجرىتىلىدۇ

ئىشسىزلىق سۇغۇرتا فوندى قالدۇقىدىن يۈز مىليارد يۈەن ئاجرىتىلىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى 15 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ماھارەت ئۆستۈرۈش ۋە ئىش ئورنى ھەم كەسىپ ئالماشتۇرۇش جەھەتتىن تەربىيەلەشكە ئىشلىتىلىدۇ.

يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايومى ئۈچۈن ئىككى تىرىليون 150 مىليارد يۈەن ئاجرىتىلىدۇ

بۇ يىل يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايومى ئۈچۈن ئىككى تىرىليون 150 مىليارد يۈەن ئاجرىتىلىپ، بۇلتۇرقىدىن 800 مىليارد يۈەن كۆپەيتىلىپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرى مەبلەغ بىلەن قوللىنىدۇ شۇنداقلا يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ زايوم خېيىم-خەتىرىدىن تېخىمۇ ياخشى ساقلىنىش ھەم ئازايتىشىغا شارائىت يارىتىلىدۇ.

كەسپىي ئالىي مەكتەپلەرگە بۇ يىل بىر مىليون ئوقۇغۇچى كۆپەيتىپ قوبۇل قىلىنىدۇ

كەسپىي ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش چارىسى ئىسلاھ قىلىنىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، شۇ يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر، ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئىمتىھانغا تىزىملىتىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ، بۇ يىل بىر مىليوندىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى كۆپەيتىپ قوبۇل قىلىنىدۇ.

ئىككى يىل ئىچىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ ئۆلكە چېگرىسىدىكى ھەق ئېلىش پونكىتلىرى ئاساسەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ

ئىككى يىل ئىچىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ ئۆلكە چېگرىسىدىكى ھەق ئېلىش پونكىتلىرى ئاساسەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئاپتوموبىلنى توختاتماي تېز ھەق ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، قىستاڭچىلىق ئازايتىلىپ، ئاممىغا قولايلىق يارىتىلىدۇ.

ياسىمىچىلىقنىڭ توك ئىشلىتىش تەننەرخى تۆۋەنلىتىلىدۇ

ئېلېكتىرنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، توك باھاسى قوشۇمچە ھەققى ئېنىقلىنىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ توك ئىشلىتىش تەننەرخى تۆۋەنلىتىلىدۇ، ئادەتتىكى سودا-سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان توكنىڭ باھاسى يەنە %10 چۈشۈرۈلىدۇ.

ئېقىم مىقدارى ھەققى يەنە %20تىن كۆپرەك تۆۋەنلىتىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە «نومۇر ئۆزگەرتمەي تور ئالماشتۇرۇش» يولغا قويۇلىدۇ

شەھەر ئائىلىلىرىگە 1000 مىگابايتلىق كەڭ بەلباغلىق تور يەتكۈزۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قانات يايدۇرۇلۇپ، يىراقتىن ئوقۇتۇش، يىراقتىن داۋالاش تورى ئۆزگەرتىلىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، كۆچمە تور ئاساسىي پونكىتلىرىنىڭ سىغىمى ئاشۇرۇلىدۇ ۋە دەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدۇ، بۇ يىل ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كەڭ بەلباغلىق تور ھەققى يەنە %15، كۆچمە تور ئېقىم مىقدارى ئوتتۇرىچە ھەققى يەنە %20تىن كۆپرەك تۆۋەنلىتىلىدۇ، پۈتۈن مەملىكەتتە «نومۇر ئۆزگەرتمەي تور ئالماشتۇرۇش» يولغا قويۇلۇپ، يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت تەسىس قىلىش قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ.

كىچىك كۆلەملىك باج تاپشۇرغۇچىلاردىن ئېلىنىدىغان كۆپەيمە قىممەت بېجى چېكى ئۆستۈرۈلىدۇ

كىچىك كۆلەملىك باج تاپشۇرغۇچىلاردىن كۆپەيمە قىممەت بېجى ئېلىش چېكىنى ئايلىق سېتىش سوممىسى 30 مىڭ يۈەن بولۇشتىن 100 مىڭ يۈەن بولۇشقا ئۆستۈرۈش قاتارلىق باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ.

ئۈنۈملۈك سېلىنما مۇۋاپىق كۆپەيتىلىدۇ

ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ. تۆمۈريولغا 800 مىليارد يۈەن، تاشيول ۋە سۇ تىرانسىپورتىغا بىر تىرىليون 800 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، يەنە بىر تۈركۈم زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىنىدۇ، سىچۈەن-شىزاڭ تۆمۈريولىنى پىلانلاپ ياساش تېزلىتىلىدۇ، شەھەرلەر ئارا قاتناش، ئەشيا ئوبوروتى، شەھەر مەمۇرىيىتى، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ۋە ھەممىباب ئاۋىياتسىيە قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ، يېڭى ئەۋلاد ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. بۇ يىل مەركەز خامچوتىدىن 577 مىليارد 600 مىليون يۈەن سېلىنما ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بۇلتۇرقىدىن 40 مىليارد يۈەن كۆپەيتىلىدۇ.

مەھەللىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمەتچىلىكى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇلىدۇ

كۈتۈنۈش، بولۇپمۇ مەھەللىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمەتچىلىكى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇلىدۇ، مەھەللىلەردە كۈندۈزلۈك خەۋەر ئېلىش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە پەرۋىش قىلىش، غىزالىنىشقا، ھەرىكەت قىلىشقا ياردەم بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلىدىغان ئاپپاراتلارغا باج-ھەقنى كېمەيتىش–كەچۈرۈم قىلىش، مەبلەغ جەھەتتىن مەدەت بېرىش، سۇ، توك، گاز، پار باھاسىدا ئېتىبار بېرىش قاتارلىقلار ئارقىلىق ياردەم بېرىلىدۇ، يېڭىدىن سېلىنغان ئولتۇراق رايونلىرىدا مەھەللە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى يانداش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلىدۇ؛ داۋالاش بىلەن كۈتۈشنى بىرلەشتۈرۈش سىياسىتى ئىسلاھ قىلىنىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئۇزاق مەزگىللىك پەرۋىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنىڭ سىناق دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ.

80 مىليون مودىن ئارتۇق يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز يېڭىدىن كۆپەيتىلىدۇ

ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ، 80 مىليون مودىن ئارتۇق يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز يېڭىدىن كۆپەيتىلىدۇ. چارۋا ۋە ئۆي قۇشلىرى ئىشلەپچىقىرىشى مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ، ئافرىقا چوشقا ۋاباسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىدۇ.

يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىچىملىك سۇ قىيىنچىلىقى ھەل قىلىنىدۇ

يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇشى تېزلىتىلىپ، ئىچىملىك سۇ قىيىنچىلىقى بار ئاھالىنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى ئىچىدە ھەل قىلىنىپ، 60 مىليون يېزا ئاھالىسىنى سۇ بىلەن تەمىنلەش كاپالەت سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ.

شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يېڭى رايونى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىنىدۇ

ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىغا ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈشتە تېخىمۇ چوڭ ھوقۇق بېرىلىدۇ، شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يېڭى رايونى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىنىدۇ، خەينەن ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرىلىدۇ، جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ. دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى ۋە يېڭى رايونلاردا ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىغا ئالاقىدار ئىسلاھات سىنىقىنى قانات يايدۇرۇشقا مەدەت بېرىلىدۇ.

ئېغىر كېسەل بىمارلىرى، قىيىنچىلىقتا قالغان ئاممىنىڭ داۋالىنىش يۈكى يەنىمۇ يېنىكلىتىلىدۇ

ئاھالىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۈچۈن بېرىلىدىغان ئوتتۇرىچە مالىيە ياردەم پۇلى ئۆلچىمى 30 يۈەن كۆپەيتىلىدۇ، ئۇنىڭ يېرىمى ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. شەخسلەرنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىدا چىقىم قىلىش چېكى تۆۋەنلىتىلىپ ۋە بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، ئاتچوت قىلىش نىسبىتى %50تىن %60كە ئۆستۈرۈلۈپ، ئېغىر كېسەل بىمارلىرى، قىيىنچىلىقتا قالغان ئاممىنىڭ داۋالىنىش يۈكى يەنىمۇ يېنىكلىتىلىدۇ.

بوۋاقلار-بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا دائىر كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇلازىمەت تېز راۋاجلاندۇرۇلىدۇ

ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى يېڭى ئەھۋال كۆزدە تۇتۇلۇپ، بوۋاقلار-بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا دائىر كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇلازىمەت تېز راۋاجلاندۇرۇلۇپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ بېقىش-تەربىيەلەش مۇلازىمەت ئاپپاراتى قۇرۇشىغا مەدەت بېرىلىدۇ، بالىلارنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتى كۈچەيتىلىدۇ.

يەسلى مائارىپى تەمىناتى كۆپ خىل يوللار بىلەن ئاشۇرۇلىدۇ

مەيلى ھۆكۈمەت يەسلىسى ياكى پۇقراۋى يەسلى بولسۇن، بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن، ھەق ئېلىشى مۇۋاپىق، ئاتا-ئانىلار خاتىرجەم بولسىلا، ھۆكۈمەت قوللايدۇ.

يۇقىرى قان بېسىم، دىئابىت كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئامبۇلاتورىيەدە ئىشلىتىدىغان دورىلار داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا ئاتچوت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ

ئادەتتىكى سوزۇلما كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئىشلىرى ياخشى ئېلىپ بېرىلىپ، يۇقىرى قان بېسىم، دىئابىت كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئامبۇلاتورىيەدە ئىشلىتىدىغان دورىلار داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا ئاتچوت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ.

شەھەر-بازارلاردىكى كونا مەھەللىلەرگە لېفىت ئورنىتىلىدۇ

شەھەر-بازارلاردىكى كەڭ كۆلەمدە كۆپلەپ ساقلىنىۋاتقان كونا مەھەللىلەر زور كۈچ بىلەن ئۆزگەرتىلىپ، يېڭىلىنىپ، سۇ، توك، يول، گاز قاتارلىق يانداش ئەسلىھەلىرى يېڭىلىنىدۇ، لېفىت ئورنىتىلىدۇ، خەلققە قولاي بازار، قولاي دۇكان، پىيادىلەر كوچىسى، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، توسالغۇسىز يول قاتارلىق تۇرمۇش مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرى مۇكەممەللەشتۈرىلىدۇ.

گوۋۇيۈەن باش بولۇپ ھۆججەت يىغىنلار كۆپ بۇلۇش مەسىلىسىنى تۈزەيدۇ

يىغىن ئېچىش ۋە ھۆججەت تارقىتىش ئازايتىلىدۇ، بۇ يىل گوۋۇيۈەن ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرى باشلامچىلىق بىلەن يىغىنلارنى زور ھەجىمدە ئىخچاملايدۇ، قەتئىي تۈردە ھۆججەتنى ئۈچتىن بىر قىسىمدىن كۆپرەك ئازايتىدۇ.