13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2- يىغىنىدا تاپشۇرۇۋېلىنغان تەكلىپلەرنىڭ سانى 491 پارچىگە يەتتى
مەنبەسى:خەلق تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-13 17:51

مۇخبىرنىڭ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ تەكلىپ گۇرۇپپىسىدىن ئىگىلىشىچە، يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ قارار قىلىشى بىلەن ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ بېرىش ۋاقتى توختىتىلغانغا قەدەر، يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ تەكلىپ گۇرۇپپىسى ۋەكىللەر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان 491 پارچە تەكلىپنى تاپشۇرىۋېلىپ قوبۇل قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەر 14 پارچە، ۋەكىللەر بىرلىشىپ ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەر 477 پارچە ئىكەن.

دەسلەپكى قەدەمدە رەتلەپ تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەر ئىچىدە، قانۇن چىقىرىشقا دائىر تەكلىپلەر 487 پارچىگە، نازارەت قىلىشقا دائىر تەكلىپلەر 4 پارچىگە يەتكەنلىكى مەلۇم بولدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، 13ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2ـ يىغىنى كاتىبات باشقارمىسى تەكلىپ گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى گو جېنخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ تەكلىپلەر پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدىگەن. بۇنىڭدا، قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق، مۇھىم تەدبىر ۋە مۇھىم ئىستراتېگىيەلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش ۋە كاپالەتلىك قىلىش كۆزدە تۇتۇلغان. ئۇ تەكلىپلەرنىڭ مەزمۇنلىرى ئاساسلىقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىش، شۇنىڭدەك مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەرگە مەركەزلەشكەن.