تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ مېڭخۇي: «ئۆي دېگەن تۇرىدىغان جاي، پۇل تاپىدىغان ۋاسىتە ئەمەس» دېگەن بەلگىلىمىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك
مەنبەسى:خەلق تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-13 17:57

تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ مېڭخۇي 12-چېسلا خەلق سارىيىدىكى «مىنىستىرلار يولى»دا مۇنداق دېدى: بۇلتۇردىن بۇيان، ئۆي-زېمىن بازىرى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم ئايلىنىشنى ئاساسەن ساقلاپ كەلدى. 2019-يىلى، ئۆي-زېمىن بازىرىنى مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنىڭ خىزمەت لايىھەسى پۇختا يولغا قويۇلۇپ، «ئۆي دېگەن تۇرىدىغان جاي، پۇل تاپىدىغان ۋاسىتە ئەمەس» دېگەن بەلگىلىمىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

ۋاڭ مېڭخۇي مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: بۇلتۇردىن بۇيان، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئاستىدا، ئۆي-زېمىن بازىرى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم ئايلىنىش ھالىتىنى ساقلىدى، بازار كۆزلىمىسىدە پائال ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى، بۇ ئاساسلىقى ئۈچ جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ: تۇرالغۇ ئۆي پۈتۈشۈش كۆلىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىدى، تۇرالغۇ پۈتۈشۈش باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، بازار كۆزلىمىسى تەدرىجىي مۇكەممەللىشىشكە قاراپ يۈزلەندى.