جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:
ئىتالىيە زۇڭلىسى كونتې 3-ئاينىڭ 8-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئىتالىيە بىلەن ياۋروپاغا نىسبەتەن تەرەققىيات پۇرسىتى، ئىتالىيە جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىششنى ئۈمىد قىلىدۇ.
كونتې يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىقى باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىتالىيە جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.