چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى لايىھەسىكى بەش چوڭ يارقىن نۇقتا
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-09 19:39

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى لايىھەسى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى 13 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى، بۇ قانۇن لايىھىسىدىكى قايسى يارقىن نۇقتىلار دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ؟

بىرىنچى يارقىن نۇقتا، چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئىجازەت بېرىشتىن بۇرۇن پۇقراۋى مۇئامىلىگە پاسسپ تىزىملىكنى قوشۇپ باشقۇرۇش تۈزۈمى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىلىم يۇرتىنىڭ ئەزاسى سۈن شيەنجۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ ئېلىمىزنىڭ چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدىكى تۈپ ئۆزگىرىش. پاسسىپ تىزىملىك چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ تىزىملىك سىرتىدىكى ساھەلىرىدىكى مەبلىغىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا ئېچىۋېتىلگەن، ئادىل، ئاشكارە، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان سودا مۇھىتى يارىتىپ بېرىدۇ.

ئىككىنچى يارقىن نۇقتا، ئىچكى-تاشقى مەبلەغنىڭ بىردەكلىكىدە چىڭ تۇرۇش.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، دېللېرنىڭ جۇڭگودىكى مۇئاۋىن باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جياڭ يىڭ مۇنداق دېدى: لايىھەدىكى ئالاقىدار ماددىلاردا چەتئەل سودىگەرلىرى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇلۇپ، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش، ئۆلچەم تۈزۈش قاتارلىق خىزمەتلەرگە تېخىمۇ ئاشكارە سىگنال يەتكۈزۈلدى، بۇ جۇڭگو بازىرىنىڭ چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىشىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ.
ئۈچىنچى يارقىن نۇقتا، بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شاڭخەي شەھەرلىك ئىجتىمائىي پەنەلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ جاۋئەن مۇنداق دېدى: بۇ ماددىدا ئېلىمىزنىڭ بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

تۆتىنچى يارقىن نۇقتا، چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش.

جياڭ يىڭ مۇنداق دېدى: بۇ سېستىما ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشىگە ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ كارخانىلار بىلەن بولغان ئالاقە مېخانىزمى ئورنىتىپ، ھۆكۈمەتنى تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن كارخانىغا تېخىمۇ كۆپ مۇلازىمەت قىلىش ۋە قوللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. چەتئەل مەبلىغى كارخانىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلار جۇڭگوغا ئالاقىدار تۈرلۈك سىياسەت، قانۇن-نىزاملارنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىگىلەپ، بازار يۈزلىنىشىنى ۋاقتىدا ئۇقۇپ، كارخانىلارنىڭ رىقابەت كۈچىنى يەنىمۇ ئۆستۈرەلەيدۇ.

بەشىنچى يارقىن نۇقتا، چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش ئۇچۇرىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىش.

سۈن شىيەنجۇڭ مۇنداق دېدى: چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار ياكى مەبلەغ سېلىش كارخانىلىرى جۇڭگودا مەبلەغ سېلىش ئۇچۇرلىرىنى ئېلىمىزنىڭ سودىغا مەسئۇل تارماقلىرىغا دوكلات قىلىشمۇ مەبلەغ سېلىش ھوقۇقى بىلەن مەجبۇرىيىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى گەۋدىلەندۈردى.