يېڭى دەۋرگە قاراپ ئىلگىرىلەش-ساغلام جۇڭگو
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-10 15:15

باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا خەلقنىڭ ساغلاملىقى مىللەتنىڭ روناق تېپىشى ۋە دۆلەتنىڭ باي قۇدرەتلىك بولۇشىنىڭ مۇھىم بەلگىسى دەپ كۆرسەتتى. خەلق ساغلاملىق سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسى ئۈچۈن كۆپ تەرەپلىك ئەتراپلىق ساغلاملىق مۇلازىمىتى قىلىش كېرەك. داۋالاش دورا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە ئاساسىي داۋالاش سەھىيە تۈزۈمى، داۋالاش كاپالىتى تۈزۈمى ۋە ئەلا سۈپەتلىك يۇقىرى ئۈنۈملۈك داۋالاش سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىپ، ھازىرقى زامان دوختۇرخانا باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. ئاساسىي قاتلام داۋالاش سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسى ۋە ئۇنىۋېرسال دوختۇرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. دورا ئارقىلىق دوختۇرلارنى بېقىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، دورا بىلەن تەمىنلەش كاپالەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى سوڭ جاڭجۈن مۇنداق دېدى: داۋالاش ئىسلاھاتى پۇقرالارنى تېخىمۇ ئەمەلىي نەپتىن بەھرىمەن قىلدى. ئالايلۇق، دورا باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقى داۋاملىق تۆۋەنگە چۈشۈرۈلدى؛ ئاساسىي قاتلام ئۇنىۋېرسال دوختۇرلىرى داۋاملىق مۇكەممەللەشتى؛ مەھەللە، يېزا بازار شىپاخانىلىرىنىڭ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى داۋاملىق تېخىمۇ يېڭىلاندى ۋاھا كازالار.

ھازىر تۈرلۈك ئىسلاھاتلار تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، داۋالاش دورا سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىمۇ قېيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىگە كىردى. داۋالاش ئىسلاھاتىدىكى ۋەزىپىلەرنى قانداق قىلغاندا ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ؟ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلىيىتى ۋەكىلى چېن شىن مۇنداق دەپ قارىدى: دەرىجە بويىچە داۋالاشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چوڭ دوختۇرخانىلارغا يۈگۈرۈش، چوڭ دوختۇرخانىلار ئىختىساسلىقلار ۋە بىمارلارنى جەلپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن كېسىلى يېنىك بىمارلار ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈلۈشى، كېسىلى ئېغىر بىمارلار ئاساسى قاتلام دوختۇرلىرى ئارقىلىق 3-دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارغا كۆرۈنۈشكە يۆتكەپ بېرىلىشى كېرەك؛ مۇنداق قىلغاندا ئېلىمىزنىڭ چەكلىك داۋالاش بايلىقىدىن ئەڭ ياخشى مۇۋاپىق پايدىلانغىلى بولىدۇ.

ھازىر دوختۇرلار بىلەن بىمارلار ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت كۆرىلىش، دوختۇرغا كۆرۈنۈش قىممەت بولۇش، ھەددىدىن زىيادە داۋالاش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەل قىلىنماقتا. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى دىڭ شياۋبىڭ بۇ داۋالاش بىلەن دورا ئايرىلغانلىقتىن بولدى دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: داۋالاشتىكى مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەقنى مۇۋاپىق زورايتىپ، تېببىي خادىملارنى ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، كەسىپى سەۋىيەسىنى يۇقىرىلىتىشقا داۋاملىق رىغبەتلەندۈرۈش؛ دوختۇرخانا، دوراخانا ۋە دورا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ئارىسىدىكى مەنپەئەت زەنجىرىنى ئۈزۈۋېتىش دوختۇرلار بىلەن بىمارلار ئارىسىدىكى زىددىيەتنى يېنىكلىتىشكە ياردەم بېرىدۇ.

2018-يىلى 17 خىل راك كېسىلىگە تاقابىل تۇرۇش دورىلىرىنىڭ باھاسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى ھەمدە دۆلەتنىڭ داۋالاش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلدى؛ جايلارنىڭ سۆھبەتلىشىپ دورا سېتىۋېلىش، ئاتچوت سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلىدى، پايدىلىق ياخشى سىياسەتلەر پۇقرالارنىڭ داۋالىنىش يۈكىنى زور دەرىجىدە يېنىكلەتتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى دىڭ ليەمىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسىنى ئۆزىنىڭ قولىغا بېرىش كېرەك، كېيىنكى باسقۇچتا دۆلەت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان دورىلار تەتقىقاتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىمپورت دورىلىرىنىڭ مۇنۇپۇللىقىنى داۋاملىق بۇزۇپ تاشلاش لازىم.