لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، جاۋ لېجىلار قىسمەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-10 15:18

پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، جاۋ لېجىلار مۇشۇ ئاينىڭ 9- كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىدىكى قىسمەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ جىلىن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ئۇ ۋەكىللەر سۆز قىلغاندىن كېيىن كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ بەرگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تامامەن قوللايمەن دېدى. لى كېچياڭ جىلىننىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جىلىن خىزمىتى ھەققىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرۈتكە بولۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى؛ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىدا ئەمەلىي ئىش قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ چوڭچىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئاڭلىق ھالدا خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە باشتىن ئاخىر سىڭدۈرۈش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىگە تېخىمۇ ياخشى ياردەم بېرىش كېرەك. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن چۇڭچىڭنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە تەلىپىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، چوڭچىڭنى ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى ئېچىۋېتىشنىڭ يۇقىرى نۇقتىسى، تاغلىرى يېشىل سۈيى سۈزۈك گۈزەل جاي قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ لېجى گۈيجۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ بەرگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. جاۋ لېجى مۇنداق دېدى: گۈيجۇ ئۆلكىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گەنسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تولۇپ تاشقان غەيرەت بىلەن نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش رېۋىزىيە ئورگانلىرى نامراتلارنى قۇتۇلدۈرۈش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتى ۋە زور سىياسىتىنى نازارەت قىلىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چېرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈردە تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىش لازىم.