ۋەكىل، ئەزالار چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە ياخشى تەكلىپلەرنى بەردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-10 17:01

بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم تىلغا ئېلىنىپ، «گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قائىدىلەرنىڭ جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ يۆتكىلىشى ۋە كىشىلەرنىڭ بېرىش-كېلىشىنىڭ قولايلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى ۋەكىل، ئەزالار كۆڭۈل بۆلگەن قىزىق نۇقتىلىق تېمىغا ئايلاندى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى شى گۇاڭدۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تاراتقۇلارغا ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتىدە بايرىقى روشەن ھالدا مۇنداق دېدى: يېڭىلىق يارىتىش-بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ خەلقئارانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى قولتۇق رايونى بولۇش-بولماسلىقىدىكى مۇھىم ھالقا يېڭىلىق يارىتىش. مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىشقا پايدىلىق ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تەڭكەش ھالدا ئوچۇق ھەمبەھىرلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن بىلەن ھەمكارلىشىپ، كۆپ مەنبەلەشكەن، خەلقئارالاشقان، رايون ھالقىغان پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا مەبلەغ سېلىش سىستېمىسىنى ئورنىتىش كېرەك.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شياڭگاڭ پەن-تېخنىكا داشۆسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇيې يۈرۇ ئىلىم ئىتتىپاقى قۇرۇپ، قولتۇق رايونى ئىچىدىكى شەھەرلەرنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىنىڭ تەڭكەش تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەكلىپىنى بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: شياڭگاڭنىڭ ئۇللۇق پەن تەتقىقاتى ۋە خەلقئارالاشقان ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ ئالىي مائارىپ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ باج ئازايتىش، ھەق تۆۋەنلىتىش، مالىيە تولۇقلىمىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى چوڭ قولتۇق رايونىغا كېلىپ تەرەققىي قىلىشقا جەلپ قىلىش كېرەك.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، يۈجۇ گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى لىن لۇڭئەن مۇنداق دېدى: شياڭگاڭ كارخانىلىرىنىڭ ئىلىم-پەن، كەشپىيات پاتېنتىنى ئەگەر چوڭ قولتۇق رايونىغا يۆتكەپ تاۋار ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلسە، مەن بەش يىل ئىچىدە شىركەتلەرنىڭ بىر قانچە بېجىنى ئازايتىش جەھەتتىن ئېتىبار بېرىش تەكلىپىنى بېرىمەن.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاۋمېن جۇڭخۇا مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى شىچى دۆلەتنىڭ گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى مائارىپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ياكى كومىتېتى قۇرۇپ، ئالىي لايىھەنى كۈچەيتىپ، چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ مائارىپ ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلىشى ھەققىدە تەكلىپ بەردى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شېنجېن شەھىرىنىڭ باشلىقى چېن رۇگۈي مۇنداق دېدى: مەن شېنجېننىڭ پەن-تېخنىكا بانكىسى، پەن-تېخنىكا سۇغۇرتىسى قاتارلىق ئورگانلارنى ئالدى بىلەن سىناق قىلىپ تەشكىللىشىنى قوللاپ، چوڭ قولتۇق رايونىدا خەلقئارا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇشنى تېخىمۇ ياخشى زامانىۋى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش تەكلىپى بېرىمەن.