پۇقراۋى ئىگىلىك سالماققا ئىگە بولدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-10 17:02

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى ئاخبارات مەركىزى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى مۇخبىرلار يىغىنى ئاچتى. دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىغا قوشقان تۆھپىلىرىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: پۇقراۋى ئىگىلىك جۇڭگو ئىقتىسادىغا %50 تىن ئارتۇق باج كىرىمى، %60 تىن ئارتۇق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى، %70 تىن ئارتۇق تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى، %80 تىن ئارتۇق شەھەر-بازار ئەمگەكچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى جەھەتتىن تۆھپە قوشتى، پۇقراۋى ئىگىلىك كارخانىلىرىنىڭ سانى %90 تىن كۆپرەكنى ئىگىلىدى.

پۇقراۋى ئىگىلىك سالمىقىنىڭ شۇنچە زور بولۇشىدا، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى زور كۈچ بىلەن سەرخىللاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. 3-ئاينىڭ 5-كۈنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇلغان ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا، پۇقراۋى ئىگىلىك ئۈچۈن مۇنداق زور سوۋغاتلار تەييارلاندى. 1-ئىككىدە تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىش، قوللاش ۋە يېتەكلەش. 2-رىقابەتنىڭ نېيىتراللىق پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئامىلغا ئىگە بولۇش، ئىجازەت بېرىش، تىجارەتنى يۈرۈشتۈرۈش، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش ۋە خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش قاتارلىق تەرەپلەردە، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىك كارخانىلىرىغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش. 3-يېقىن، ئېنىق، يېڭىچە ھۆكۈمەت بىلەن سودىگەرلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلارنىڭ ئالاقە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىچىلار روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات دەرىجىسىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش. 4-مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ھوقۇققا دەخلى قىلىش قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە جازالاش، خاتا، ناھەق دېلولارنى تۈزىتىش. 5-ياخشى تىجارەت-سودا مۇھىتىنى تېرىشىپ بەرپا قىلىپ، كارخانىچىلارنى خاتىرجەم ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىش، كارخانىنى خاتىرجەم باشقۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرۈش. بىز پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىغا قوشقان تۆھپىلىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، پۇقراۋى ئىگىلىك، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.