سودا مىنىستىرلىقى: جۇڭگو ئامېرىكا ئىقتىساد سودا ئۆمىكى كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تېرشماقتا
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-10 17:20

سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى قوشۇمچە خەلقئارا سودا سۆھبىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋەكىلى ۋاڭ شۇۋېن مۇشۇ ئاينىڭ 9 - كۈنى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد _ سودا ئۆمىكى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىككى تەرەپ سودىسىنى نورمال ئىزغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن، پۈتۈن كۈچى بىلەن داۋاملىق ئالاقىلىشىپ ۋە كېڭىشىپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بېكىتكەن كېڭىشىش پىرىنسىپى ۋە يۆنىلىش بويىچە كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا تىرىشماقتا.

ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆزئارا تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش ئىشچىلار، دېھقانلار، ئېكسپورت كارخانىلىرى، ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىغا پايدىسىز بولۇپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە زىيان يەتكۈزدى، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش قارارىنى ئاستىلاتتى.

ۋاڭ شۇۋېن جۇڭگو ئامېرىكا ئىقتىساد سودا كېڭىشىشنىڭ ئىستىقبالى توغرىسىدا توختالغاندا مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئورتاق تۇنۇش ھاسىل قىلغان، ئىككى تەرەپ ئىقتىساد _ سودا ئۆمىكى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، مەن بۇنىڭدىن « ئۈمىد » بار دەپ قارايمەن.

ۋاڭ شۇۋىن مۇنداق دېدى: ئەڭ مۇھىم بولغىنى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ نەپ ئالىدىغان كېلىشىم ھاسىل قىلىشى، ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگىمۇ، جۇڭگونىڭ مەنپەئەتىگىمۇ ئۇيغۇن، شۇنداقلا دۇنيانىڭ تەقەززاسىغا ئۇيغۇن.