ۋەكىللەر چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇن لايىھەسىنى چۆرىدەپ تەكلىپ پىكىر بەردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-10 17:53

سىياسى مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى ئىككىنچى يىغىنى مۇشۇ ئاينىڭ 9-كۈنى گۇرۇپپىلار يىغىنى ئېچىپ، چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇن لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلدى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى تەكلىپ پىكىر بېرىپ، لايىھەنى چۆرىدەپ كونېكىرت تۈزىتىش پىكرى ۋە تەكلىپ بەردى.

گۇرۇپپىلار يىغىنىدا سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇن لايىھەسىنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە، مۇزاكىرە قىلدى. ئەزالار مۇنداق دەپ قارىدى: چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى ئېلىمىزنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشىغا تۈرتكە بولۇش، چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشتىكى قانۇنلۇق ھوقۇقى مەنپەئەتىنى قوغداش، قانۇنچىل، خەلقئارالاشقان، قولاي سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. قانۇننىڭ چىقىرىلىشى دەل ۋاقتىدا بولۇپتۇ. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، ئەنخۇي ئۆلكىلىك ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ لىمىن مۇنداق دەپ قارىدى: چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇن لايىھەسىدە ئىچكى تاشقى مەبلەغ بىلەن قۇرۇلغان كارخانىلارغا پۇقراۋىي مۇئامىلە ئاساسىدا باراۋەر مۇئامىلە قىلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھات ئېچىۋېتىش قىياپىتى نامايەن قىلىندى.