ۋەكىللەر ئەزالارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىشەنچى چىڭىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-10 17:50

باش شۇجى شى جىنپىڭ گەنسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ئومۇمىيىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى. پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئۈچ چوڭ جەڭنىڭ بىرى قىلدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىر مەيدان چوقۇم غەلىبە قىلىدىغان قاتتىق ئۇرۇش. ۋەكىللەر ۋە ئەزالار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جىددىي پەيتكە يېتىپ كەلگەنسېرى، جەزمەن غەلبە قازىنىش ئىشەنچىنى شۇنچە چىڭىتىپ؛ يۈكسەك جەڭگىۋارلىق، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، يۈكسەك غەيرەت شىجائەت بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋەكىل لۈ ۋېي مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قىيىن، نامراتلىقتىن ئۆز قەرەلىدە قۇتۇلدۇرۇش چىڭ ۋەزىپە .پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، 6 يىلدىن بۇيان جەمئىي 82 مىليون 390 مىڭ نامرات نوپۇسنى ئازايتتى. ھازىر 2020 ـ يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشانىدىكى ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشقا پەقەت ئىككى يىل ۋاقىت قالدى، دەل مۇشۇنداق ئەڭ مۈشكۈل ۋاقىتتا، قالغانلىرى نامراتلار ئىچىدىكى نامراتلار، قىيىنچىلىقى بارلار ئىچىدىكى قىيىنچىلىقى بارلار بولۇپ، ھەممىسى ھەل قىلىش قىيىن بولغان مەسىلىلەر ئىچىدىكى قىيىن مەسىلىلەر، بولۇپمۇ مەركەز بىر تۇتاش پىلانلىشى، ئۆلكە باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى، شەھەر ۋە ناھىيەلەر چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشىدىن ئىبارەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول رەھبىرى ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتىن ئىبارەت رەھبەرلىك مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ، قابىلىيەتلىك رەھبەرلەرنى ئەۋەتىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇ قاتلام ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كەسكىن جەڭگە ئاتلىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.

« ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست » قاتارلىق ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى يۆلەش سالمىقى زورايتىلىپ، نامرات نوپۇسنىڭ قايتا نامراتلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كۈچ چىقىرىلسا، ھەمدە كىرىم سەۋىيەسى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا تارقىتىپ بېرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىن بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئاممىنى سىياسەت جەھەتتىن قوللاش كەمچىل بولۇش قاتارلىق يېڭى مەسىلىلەر تەتقىق قىلىنىپ ھەل قىلىنسا.

خېنەن ئۆلكىلىك نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ۋەكىل شى بىڭرۈي مۇنداق دېدى: جىددىي پەيتكە يېتىپ بارغانسېرى، غەلبە قازىنىشقا بولغان ئىشەنچنى شۇنچە چىڭىتىپ، غەيرەتكە كېلىپ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئىستىھكامنى ئېلىش ئىرادىسىگە شۇنچە كېلىش لازىم. 2014 - يىلىدىن 2018- يىلىغىچە، خېنەن ئۆلكىسى يېزىلاردىكى 5 مىليون 824 مىڭ نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى؛ ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىغىچە يەنە1221 نامرات كەنت، يېزىلاردا بىر مىليون 43 مىڭ نامرات نوپۇس قالدى، ئاخىرىغا بارغانسېرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى شۇنچە زورايدى. قۇرۇلما جەھەتتىن قارىغاندا، ھازىر نامراتلار كۆپىنچىسى تەبىئىي شارائىتى ناچار، ئىقتىسادىي ئاساسى ئاجىز، نامراتلىق دەرىجىسى ئېغىر رايونلاردا كۆرۈلمەكتە؛ تارقىلىشى جەھەتتىن قارىغاندا، ئاساسلىقى مېيىپلار، ئۇزۇن مەزگىل كېسەل بولغان بىمارلار ۋە قىسمەن مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن، ماھارىتى كەمچىل نامرات ئامما ئىچىدە كۆرۈلمەكتە. كېيىنكى باسقۇچتا مۇھىم نۇقتا بۇ نۇقتىلىق رايونلار، نۇقتىلىق كىشىلەرگە قارىتىلىپ، جاپاغا چىداپ ئالغا ئىلگىرلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنسا.

ئىچكى موڭغۇل مېڭساۋ ئېكولوگىيە گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى، ئەزا ۋاڭ جاۋمىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: دورىنى توغرا بەرگەندە نامراتلىقنى يىلتىزىدىن تۈگەتكىلى بولىدۇ. نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم نۇقتا ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ ئىش كۆرۈپ، توغرا تەدبىر قوللىنىشتا. مېڭساۋ گۇرۇھى كەسىپ بازىسى قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى، چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە پەن تەتقىقاتنى نەتىجىگە ئايلاندۇرۇپ قوللىنىش قاتارلىق كەسىپنى يېتەكلەش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، دېھقان - چارۋىچىلار بىلەن مەنپەئەت ئىتتىپاقى مېخانىزمى ئورنىتىپ، يىلىغا تەخمىنەن تۆت مىليون ئادەم ( قېتىم ) ئەمگەك كۈچى ئىشلىتىپ، شۇ جايدىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا كىشىلەرنى بېلىقچى قىلىش كىشىلەرگە بېلىق بېرىشتىن ئەۋزەل، يەرلىكنىڭ ئالاھىدە بايلىقىنى جانلاندۇرۇپ، باشلامچى كارخانىلارنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئېكولوگىيە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق نامراتلارنىڭ نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلىشىغا دەل جايىدا ياردەم بېرىش لازىم. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ؛ يۆلەش ئوبيېكتلىرى دەل جايىدا، تۈرلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى دەل جايىدا، مەبلەغنى ئىشلىتىش دەل جايىدا، تەدبىرلەر ئائىلىلەرگىچە بولۇش دەل جايىدا، كەنتلەرگە قاراپ ئادەم ئەۋەتىش دەل جايىدا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمى دەل جايىدا بولۇش ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلسا.

سىچۈەن ئۆلكىسى ئابا زاڭزۇ - چياڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باشلىقى، ۋەكىل ياڭ كېنىڭ مۇنداق دېدى : باش شۇجى غەلىبە قازانمىغۇچە كۈرەشنى قەتئىي توختاتماسلىقنى تەلەپ قىلدى، بىز بۇنى كەمكوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك .ئۆتكەن يىلى ئابا ئوبلاستى 208نامرات كەنتنى سەپتىن چىقاردى، بۇ يىل پىلان بويىچە1247 ئائىلە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلۇپ، 33 نامرات كەنت نامراتلىقتىن چىقىرىلماقچى. لېكىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش، دەرھال قول پۇتنى بوشاشتۇرۇشتىن دېرەك بەرمەيدۇ، يەنە قالغان نامرات ئاھالىنى داۋاملىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلىغان بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئېلىپ تاشلىماسلىق، نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلىغان بىلەن ياردەم بېرىشنى توختاتماسلىق، نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلىغان بىلەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى توختاتماسلىق كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي كۈچلەرنى كېيىنكى خىزمەتلەرگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ؛ ھۆكۈمەت، بازار، جەمئىيەتنىڭ ھەم تۈرتكە بولۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلسا؛ نامراتلار كەسىپلەر، مەخسۇس تۈر بويىچە ۋە جەمئىيەت بىرلىشىپ يۆلەنسە؛ نامراتلىقتىن ئەمدىلا قۇتۇلغان رايونلارغا كۈچلۈك ياردەم بېرىلىپ، تەرەققىيات ھاياتى كۈچى قوزغىتىلسا؛ نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئاممىغا ئېتىراپ قىلدۇرۇلۇپلا قالماستىن، يەنە تارىخىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكۈزۈلسە.