چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار بۇ ئۆزگىرىشلەرنى بىلىشى كېرەك
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-11 16:21

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

«چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى لايىھەسى»گە قاراپ چىقىش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىنىڭ بىر مۇھىم قارالمىسى. بۇ قانۇن لايىھەسى تۆت يىلغا يېقىن ۋاقىت مۇزاكىرە قىلىش ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى باشتىن كەچۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ تاشقى مەبلەغدىن پايدىلىنىشىدىكى ئۇللۇق قانۇن سۈپىتىدە مەيلى مەزمۇن جەھەتتىن ياكى ئەھمىيىتى جەھەتتىن بولسۇن، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىنىڭ كەڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىماقتا.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى جياڭ يىڭنىڭ بۇ يىلقى تەكلىپى «چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇن تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش».

جياڭ يىڭ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە بەزى ماددىلار مۆلچەرىمدىن ئېشىپ كېتىپتۇ، ئالايلۇق، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنىڭ ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشقا قاتنىشىشى، ئىچكى مەبلەغ كارخانىلىرى بىلەن ئوخشاش بىر سۇپىدا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى، باراۋەر، ئۆلچەملەشكەن خىزمەتكە قاتنىشىشى.... بۇلارنىڭ ھەممىسى بىۋاستە يۈزلىنىدىغان مەسىلە»

چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئېلىمىزنىڭ چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش پائالىيىتى توغرىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك، تۈپ قانۇن قائىدە. جياڭ يىڭ مۇنداق دېدى: «يەنە بىر مىسال ئالساق، ئىلگىرى چەتئەل سودىگەرلىرى جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىپ پۇل تاپقاندىن كېيىن پۇلنى پېرېۋوت قىلاتتى، پايدىنى پېرېۋوت قىلىشتا ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق توسالغۇ بولمايدۇ، ئەمما مەشغۇلات قاتلىمىدىن بەزى چاغلاردا ئالاھىدە بەلگىلىمە بار. بۇ قېتىم بۇ ماددىلار قانۇن شەكلى بىلەن كىرگۈزۈلدى، خەلق پۇلى ياكى چەتئەل پۇلىنى قانۇنلۇق كىرىم قىلغان بولسىلا، قانۇن بويىچە ئەركىن پېرېۋوت قىلغىلى بولىدۇ، «ئەركىن پېرېۋوت قىلىش» ئالاھىدە يېزىلىپتۇ. 2015-يىلىدىكى نۇسخىسىدا «پېرېۋوت قىلىشقا بولىدۇ» دەپ يېزىلغان.

لايىھەنىڭ مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش دېگەن قىسمىدا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: دۆلەت چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئىجازەتتىن ئاۋالقى پۇقراۋى مۇئامىلە قوشۇلغان پاسسىپ تىزىملىكنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، بۇ ئارقىلىق بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمىنى باشقۇرۇش قېلىپىنى بىكار قىلىدۇ.

مەبلەغ سېلىشقا ئىجازەت بېرىش باسقۇچىدا، چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشى مەنئىي قىلىنىدىغان ۋە چەكلىنىدىغان ساھەلەر تىزىملىك شەكلىدە ئېنىق تىزىپ بېرىلگەن، تىزىملىكتىن باشقىلىرى تولۇق ئېچىۋېتىلىدۇ. جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار ئوخشاش مۇئامىلىدىن بەھرىمان بولىدۇ. بۇ ئېلىمىزنىڭ چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدىكى تۈپ ئۆزگىرىش.

2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىز «تاشقى مەبلەغقە ئائىت ئۈچ قانۇن»غا ئاساسەن تەسىس قىلغان چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانا تەخمىنەن 960 مىڭ بولۇپ، ئەمەلىي پايدىلىنىلغان تاشقى مەبلەغ 2 تىرىليون 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى، چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلاندى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى يىغىنغا سۇنۇلغان چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى لايىھەسىگە گۇرۇپپىلار بويىچە قاراپ چىقىدۇ، 3-ئاينىڭ 15-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ 4-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا لايىھە ئاۋازغا قويىلىدۇ. ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللانسىلا، چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى «تاشقى مەبلەغقە ئائىت ئۈچ قانۇن»نىڭ ئورنىنى ئېلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئېلىمىزنىڭ تاشقى مەبلەغدىن پايدىلىنىشىدىكى ئۇللۇق قانۇنغا ئايلىنىدۇ.