مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ما خۇيجۈەن تەرەققىي تاپمىغان رايونلاردا قورامىغا يەتكەنلەرنى ئىنتېرنېت بىلىملىرى جەھەتتىن تەربىيەلەشتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش تەكلىپىنى بەردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-11 18:42

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ما خۇيجۈەن نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى ۋۇجۇڭ شەھىرى خوڭسىباۋ رايونى خوڭسىباۋ بازىرى يۈچى كەنتىدىكى دېھقان. ئاران تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، كۈن بويى يەر تېرىش، ئىشلەمچىلىك بىلەن ئالدىراش يۈرىدىغان بۇ خۇيزۇ ئايال 6 يىلدىن بۇيان ئېتىز ئېرىق بويلىرىدا يانفوندا 400مىڭ خەتتىن ئارتۇق خاتىرە ۋە نەسىر يېزىپ، ئۆزىگە ئوخشاش غەربىي شىمالدىكى خۇيزۇ ئاياللىرىنىڭ تۇرمۇشتا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرىنى يازدى، ئۇ شۇ يازمىلىرى بىلەن بارماق يازغۇچىسى دەپ نام چىقاردى.

بۇ يىل ما خۇيجۈەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى سۈپىتىدە پۈتۈن زېھنى قۇۋۋىتىنى ئاممىنىڭ يېڭى تەلىپىنى بايقاشقا قاراتتى، ئۇ تەييارلىغان تەكلىپلەر ئىچىدە يېزا كەنت مەدەنىيىتى يەنىلا مۇھىم نۇقتا بولدى، بولۇپمۇ نامرات رايونلار، يېزىلاردىكى قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ مەدەنىيەت تەربىيەسى مەسلىسى.

ما خۇەيجۈەننىڭ قارىشىچە، بۈگۈنكى كۈندە يېزىلارنىڭ تۈرلۈك ئۇل ئەسلىھەلىرى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتى، تورمۇ تولۇق قاپلاندى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلار ھەممە ئائىلىلەرگە كىردى، نۇرغۇن مەمۇرىي ئىشلارنى بېجرىش، تۇرمۇشتىكى بەزى ھەقلەرنى تاپشۇرۇش، داۋالاش مائارىپ قاتارلىق ئامما بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ئەقىلىي ئىقتىدارلىشىشقا باشلىدى، ئەمما يېزىلاردا قورامىغا يەتكەن نۇرغۇن كىشىلەر كومپيۇتېر، تور ئىشلىتىشنى بىلمەيدۇ، ھەرقايسى تارماقلار يېڭى دەۋرنىڭ ساۋاتسىزلىرىدىن بولۇپ قالماسلىق مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك