دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ ماۋ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەققىدە توختالدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-11 18:42

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەتلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ ماۋ مۇشۇ ئاينىڭ 11-كۈنى ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گوۋۇيۈەن تارماقلارنىڭ بىرلىشىپ، تەكشۈرۈش ئوبيېكتىنى ئاپتوماتىك تاللاش، قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرىنى ئاپتوماتىك تاللاپ ئەۋەتىش، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئاشكارە ئېلان قىلىشتىن ئىبارەت نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پىكرىنى چىقارغاندىن كېيىن، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يەنىمۇ يېڭىلىق يارىتىپ، بىزنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سەۋىيەمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلدى.

جاڭ ماۋ مۇنداق دېدى: قوش ئاپتوماتىك تاللاش بىرنى ئاشكارىلاش بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ئىلگىركى ئەنئەنىۋىي نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلى چارىلاپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى، كارخانىلارنى يىللىق تەكشۈرۈش ئۇسۇلى، ھازىر يىللىق تەكشۈرۈش يىللىق دوكلات قىلىشقا ئۆزگەرتىلدى، چارىلاپ تەكشۈرۈشنى ئارىلاپ تەكشۈرۈشكە ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىسلاھاتتا دەسلەپكى نەتىجە قولغا كەلدى، ئۆتكەن يىلى كارخانىلارنىڭ يىللىق دوكلات قىلىش نىسبىتى %91گە يېتىپ، ئۆتكەن يىلقى يىللىق تەكشۈرۈشتىكى تەخمىنەن %80لىك ساندىن ئېشىپ كەتتى، بۇ كارخانىلارنىڭ ئۆزىنى چەكلەش ئىدىيەسىنىڭ ئاشقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئۆتكەن يىلى دۆلەتلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى %5 كارخانىنى ئاپتوماتىك تاللاپ تەكشۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە تىجارىتى بىنورماللار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن كارخانا 5مىليوندىن ئېشىپ %14نى ئىگىلىدى، ھەقىقى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگىنى 530مىڭ.

جاڭ ماۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قوش ئاپتوماتىك تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاشتا ئۈچ ئاچقۇچلۇق سۆز بار، بۇنىڭ بىرىنچىسى بىرلىشىش، تەكرار تەكشۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەكشۈرۈشنىڭ قېتىم سانىنى ئازايتىش. ئىككىنچى ئاچقۇچلۇق سۆز: ئاپتوماتىك تاللاش، تەكشۈرۈش ئوبيېكىتى، تەكشۈرۈش خادىملىرى ئاپتوماتىك تاللىنىدۇ. ئۈچىنچى ئاچقۇچلۇق سۆز ـ ئاشكارىلاش، تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئاشكارىلىنىپ، دۆلەتنىڭ كارخانا ئىناۋات ئۇچۇرى سىستېمىسىدا ئېلان قىلىنىدۇ.