پەن-تېخنىكا مىنىستىرى ۋاڭ جىگاڭ ئېلىمىزنىڭ پەن تېخنىكا ئىسلاھات نەتىجىلىرى ۋە ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرۇملىرى ھەققىدە توختالدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-11 18:42

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

پەن-تېخنىكا مىنىستىرى ۋاڭ جىگاڭ مۇشۇ ئاينىڭ 11-كۈنى ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن بىر يىلدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇملىرىغا ئاساسەن، ئېلىمىزنىڭ پەن تېخنىكا سېپى قىينچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرلىدى، پەن تېخنىكا ئىشلىرىدا يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدا يەنە پۇختا قەدەم تاشلىنىپ، بەدەن ھۈجەيرىلىك كېلون مايمۇن، چاچما نېيترون مەنبەسى ۋەكىللىكىدىكى زور ئىجادىيەت نەتىجىلىرى، شياڭگاڭ، جۇخەي، ئاۋمىن چوڭ كۆۋرۈكى، يۇقۇرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول، 5G قاتارلىق زور بىر تۈركۈم پەن تېخنىكا نەتىجىلىرى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيادىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.

ئىس تۈتەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش، ئۆسمىنى داۋالاشتىكى چوڭ ئۈسكۈنە، ئالزېيمىر كېسىلىگە مەنبىيىدىن تاقابىل تۇرىدىغان يېڭى دورىلار قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىلغار تېخنىكىلارنى قوللىنىش خەلقنىڭ بەخت سائادىتىنى ئاشۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۈر باھالاش، ئاپپاراتلارنى باھالاش، ئىختىساسلىقلارنى باھالاشنى ياخشىلاپ، تۆتنىلا ئاساس قىلىۋېلىش توسىقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، پەن تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقىنى كېڭەيتىپ، پەن تەتقىقاد خادىملىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش قاتارلىق بىر تۈركۈم ئەمەلىي ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق.