بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمى پۇختا
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-11 18:42

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

2013-يىلى ئالتۇن كۈز باشلىنىش نۇقتىسى قىلىنغان، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى ئىنسانلار تەرەققىياتىدىكى قىيىن مەسلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇلغان جۇڭگو لايىھەسى، دەۋىر بۇرچىنى زىممىسىگە ئالغان ئەسىر قۇرۇلۇشى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيانىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، بىر بەلباغ بىر يول ئىدىيەدىن ھەرىكەتكە ،ئارزۇدىن رىئاللىققا ئايلاندى؛ سىياسى جەھەتتە ئالاقە ئورنىتىش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئەل قەلبىنى باغلاشقا تۈرۈتكە بولۇش جەريانىدا ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم تارتىش كۈچىگە ئايلاندى. ھەممىگە ئايان پاكىت شۇكى، بىر بەلباغ بىر يول ھەمكارلىق رامكىسىدا ئاسىيا ، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسى قاتارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان رايونلار ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى تەدرىجىي زورايىتماقتا؛ ئىقتىسادىي تەرەققىيات پايدىسى بۇنىڭ بىلەن دۇنيانىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغا داۋاملىق يېتىپ بارماقتا. ھازىر ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىنغان يېڭىچە ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇش دۇنيا ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈشكە تۈرۈتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ قوشماقتا.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىغا پۇختا قەدەم بېسىلدى. بىز ۋەزىيەتكە قاراپ ئىلگىرىلەپ ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش تۇتۇپ، بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىشىگە تۈرۈتكە بولۇپ، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە قاراپ قەدەم تاشلىشىمىز كېرەك.

2017-يىلى 5-ئايدا ئېچىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك بىر بەلباغ بىر يول خەلقئارا ھەمكارلىق يۇقۇرى قاتلام مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باش مەقسەتتە نۇتۇق سۆزلەپ؛تىنچ، گۈللەنگەن، ئېچىۋىتىلگەن، يېڭىلىق يارىتىدىغان ، مەدەنىي بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇشنىڭ گۈزەل ئىستىقبالىنى ئومۇمىيۈزلۈك سۈرەتلەپ بەرگەن ئىدى. ھازىر قولغا كەلتۈرۈلگەن مول مۇۋەپپەقىيەتلەر بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسدىن ھەرىكەتكە، ئىدىيەدىن ئەمەلىيەتكە ئايلىنىپ، دەۋىر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كىلىپ، ئىستىقبالى پارلاق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى. بىر بەلباغ بىر يولنىڭ يادروسى ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش ۋە ئورتاق بەھىرلىنىش. لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ئالاھىدىلىكى، تەرەققىيات ئۇسۇلى، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ئوخشاش ئەمەس، قانداق قىلىپ ھەمتۈرىتكىلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا سىياسىي جەھەتتىكى ئالاقە ئەڭ مۇھىم .

دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاخبارات باياناتچىسى مېڭ ۋېي مۇنداق دېدى: سىياسىي ئالاقە ئورنىتىش جەھەتتە ئالاقىدار دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن ئىمزالىغان بىر بەلباغ بىر يول ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈردۇق، بىر بەلباغ بىر يولدىكى دوستلۇق چەمبېرىكى سېجىل كېڭەيدى. بىر بەلباغ بىر يول خەلقئارا ھەمكارلىق يۇقىرى قاتلام مۇنبىرى مەسىلىھەت بېرىش كومىتېتى بىلەن ئالاقە ئىشخانىسى رەسمىي قۇرۇلدى. بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزى ۋېۋىسكا ئېسىپ ئىشقا كىرىشتى. بىر بەلباغ بىر يول ھۆكۈمەت تور بېكىتىنىڭ سىرتقا تەشۋىق قىلىش ئىقتىدارى يەنىمۇ يۇقۇرىلىدى.

تۇنجى نۆۋەتلىك بىر بەلباغ بىر يول خەلقئارا ھەمكارلىق يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىدە 76 چوڭ تۈر، 279 تۈردە كونكىرت مۇۋەپپەقىيەتلەر شەكىللەندى؛ ئالاقە ئورنىتىش بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر چوڭ تۈر. دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى ئاشكارىلغان ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 269 تۈر مۇۋەپپەقىيىتى ئورۇنلىنىپ ياكى دائىملىق خىزمەتكە ئايلىنىپ، 10 تۈر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئەمەلىيلىشىش نىسبىتى %96.4 گە يەتكەن. ئۇل ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش جەھەتتە، جۇڭگو لاۋۇس تۆمۈر يولى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلىگەن، جۇڭگو تايلاند تۆمۈر يولىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇش ھەمكارلىقى ئىلگىرىلىگەن، جاكارتا باندوڭ يۇقىرى سۈرەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ 22 ئورنىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش باشلانغاندىن تارتىپ، جۇڭگو بىلەن چەتئەللەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ھەمكارلىقى كۈچىيىپ، ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغان. سودىنى راۋانلاشتۇرۇش جەھەتتە، بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە سودىنى راۋانلاشتۇرۇش ھەمكارلىق تەشەببۇسى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن. مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يېپەك يولى فوندىنىڭ مەبلىغى 100 مىليارت يۈەندىن ئېشىپ، خەلق پۇلىنى سېرتقا مەبلەغ سېلىشقا ئىشلىتىشتە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن. جۇڭگو- خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بىرلەشمە ئىقتىدار قۇرۇلۇشى مەركىزىمۇ رەسمىي ئىشقا كىرىشكەن.

جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى يى گاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بىرلەشمە ئىقتىدار قۇرۇلۇشى مەركىزىنىڭ ئىشقا كىرىشىشىگە مەدەت بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە، جۈملىدىن خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىغا قاراشلىق باشقا ئىقتىدار قۇرۇلۇشى ئاپپاراتىغا 50 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بېرىشكە ۋەدە بەردى. تۇنجى سودا دەرسى 3-ئايدا دالىيەن شەھىرىدە باشلاندى.

2018-يىلى 5-ئايدا ئەبۇزەبى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى بېيجىڭدا ئۆزىنىڭ چەتئەللەردىكى تۇنجى ئىشخانىسىنى قۇردى. بۇ مەركەزنىڭ جۇڭگو رايونىدىكى باش ۋەكىلى فۇ چېڭگاڭ مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەتنىڭ بىر بەلباغ بىر يول پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش بۇ مەركەزنىڭ ئەڭ چوڭ ئالدىنقى شەرتى. بىز جۇڭگودىكى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرى بىلەن ياخشى ئالاقىنى ساقلايمىز، بىز بۇ يەردە ئوتتۇرا شەرق، شىمالىي ئافرىقا بازىرىنى ئېچىش ئويى بار جۇڭگو كارخانىلىرىنى قۇربىمىزنىڭ يېتىشىچە پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش باشقۇرۇش، سودا يوللىرىنى ئېچىش ھەمدە مۇناسىپ ھۆكۈمەت ئالاقىسى جەھەتتە قولايلىق يارىتىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

مالايشىيادا مالاككا ئوپېرا ئانسامبىلى مالاككانى يەنە كۆرۈش دېگەن چوڭ تىپتىكى مەنزىرىنى ھېس قىلىش تۇنجى ئويۇنى قويدى. بۇ ئوپېرا ئۆمىكى جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدا ھۆددىگە ئېلىپ قۇرۇپ تۇنجى قېتىم ئىشلىتىشكە تاپشۇرغان مەدەنىيەت ساياھەت تۈرى. ئويۇننىڭ باش رېژىسسور ۋاڭ چاۋگې بۇ جۇڭگو بىناكارلىقى ۋە ئويۇن قويۇش ئۆمىكىنىڭ قەدىمى شەھەر مالاككاغا قىلغان سوۋغىسى دېدى.

ۋاڭ چاۋگې مۇنداق دېدى: بۇ تىياتىرخانا بۇ ئويۇنغا تولىمۇ ماس كېلىدۇ، مالايشىيادا بىر تىياتىرغا مۇستەقىل بىر تىياتىرخانا لايىھەلەش پۇرسىتى تېخى بولمىغانىدى، لېكىن بىز مەيدانغا چىقتۇق.

سىياسەت جەھەتتە ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، سودا ئالاقىسى، مەدەنىيەت ئالاقىسىغىچە بىر بەلبەغ بىر يول تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان قىسقىغىنا بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى ھەمكارلىق مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلدى. لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بىر بەلبەغ بىر يولدىن ئىبارەت بۇ چوڭ تىپتىكى سىمفونىيەسى ھازىر خەلقئارا جەمئىيەت ھەمنەپەس بولىدىغان يېڭى سەھىپىنى يېزىشقا باشلىدى.