شى جىنپىڭ فۇجيەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-11 18:42

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ فۇجيەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. يىغىندا لېي جىنيۈ، جاڭ لىنشۈن، لەن پىڭيوڭ، كاڭ تاۋ، چېن گويىڭ، فەن يۆ، دىڭ شىجوڭ، جاڭ ليەنشېڭ قاتارلىق سەككىز ۋەكىل ئىلگىرى كېيىن بولۇپ نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۆرىشىنى ياخشى قىلىش، گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇش، يېراق ئوكيان بېلىقچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، تەيۋەن بوغۇزى ئىككى تەرىپىنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سېفىرلىق جۇڭگو قۇرۇش، سېرىتقا ئېچىۋىتىشنى كېڭەيتىش، يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىغا تۈرۈتكە بولۇش، كونا ئازاد رايونلار ۋە سوۋېت رايونلىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەردە سۆز قىلدى.

بەزى ۋەكىللەر يېڭىلىق يارىتىش ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق مىللىي ماركا يارىتىش ھەققىدە توختالغاندا شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بىز 2001-يىلى بۇ ئىشنى قىلغان ئىدۇق، ھازىرمۇ يەنىلا قىلىۋاتىمىز ھەمدە بارغانسىرى زورايتىۋاتىمىز. كارخانا قۇرۇش ۋە ئىش قىلىش پۇل تېپىشنىلا كۆزلەيدىغان ئىش ئەمەس. ئەمەلىي ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللانغاندا زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىر ئاساسىي كەسىپنى ھەقىقىي قىلىش كېرەك، بۇ بۇرچ.

شى جىنپىڭ ئاخىرقى مۇھىم سۆزىدە فۇجيەننىڭ خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

فۇجيەندىكى يولداشلارنىڭ يېڭى دەۋىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش خىزمەت ئومۇمى رېتىمى ۋە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرۇپ؛ مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋىپ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ؛ ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىش داۋامىدا يەنە ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىشقا تېرىشىپ؛ تەيۋەن بوغۇزى ئىككى تەرىپىنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىغا تۈرۈتكە بولۇشتا ئۈلگە كۆرسىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمىئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى تولۇق تاماملاش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭىلىق يارىتىش ئىگىلىك تىكلەش ئىجاد قىلىشقا پايدىلىق بولغان ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىش لازىم. ئىسلاھات ئېچىۋىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىگىلىك تىكلەش ئىجاد قىلىش ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىشقا سېلىپ؛ ئېلىمىزنىڭ دۇنيادىكى زور ئۆزگىرىشلەر داۋامىدىكى تەسىر كۈچى، رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. مەسىلىنىڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەنى ئازاد قىلىپ، ئىسلاھات ئېچىۋىتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، يېڭىلىق يارىتىش ئىگىلىك تىكلەش ئىجاد قىلىشقا ياخشى مۇھىت يارىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىگىلىك تىكلەش ئىجاد قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان گەۋدىلىك تۈزۈلمە مېخانىزم مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىگىلىك تىكلەش ئىجاد قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتنى بەرپا قىلىش بولۇپمۇ ئوتتۇرا كېچىك كارخانىلار،ياشلارنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق شارائىت يارىتىپ، يۇقۇرى تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن سۈرەتنى تىزلىتىش مېخانىزمى ئورنىتىش لازىم. ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئىلھام بېرىدىغان، يېتەكلەيدىغان، قوللايدىغان تۈرلۈك سىياسەت تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارغا ئادىل، ئاشكارە، قانۇنچىل تەرەققىيات مۇھىتى شۇنداقلا كارخانىچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق ياخشى شارائىت يارىتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، بازار رىقابىتىدە يول ئېچىش روھى، ئالدىن كۆرەرلىك ۋە خەلقئارا نەزەرگە ئىگە كارخانىچىلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئىقتىسادى ئالاھىدە رايون، ئەركىن سودا سىناق رايونى، ئۇنىۋېرىسال تەجرىبە رايونى ، 21- ئەسىر دېڭىز يېپەك يولى مەركىزى رايونى قاتارلىق كۆپلىگەن رايونلار ھەسسىلىنىش ئۈستۈنلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى يول ئېچىش ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى مەركەزلىشىش ۋە جۇغلىنىشقا جەلىپ قىلىپ، فۇجيەننىڭ كەسىپ رىقابەت ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئېچىۋىتىشچان ئىقتىسادى يېڭى تۈزۈلمىسى قۇرۇشتا تىرىشىپ ئالدىنقى قاتاردا مېڭىش لازىم.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تەيۋەن بوغۇزى ئىككى تەرىپىنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىيات يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. تەيۋەن خىزمىتىدە ھەم مۇھىم نۇقتىنى ئومۇمىلىق ۋە ئومۇمىي ۋەزىيەتكە قارىتىش ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەپسىلىيلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش لازىم. تەيۋەن بوغۇزى ئىككى تەرىپى راۋانلاشتۇرۇشقا تىگىشلىكلىرىنى ئىمكان قەدەر راۋانلاشتۇرۇپ؛ ئۆز ئارا ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنى راۋانلاشتۇرۇش،ئۇل ئەسلىھەلەرنى راۋانلاشتۇرۇش، ئېنىرگىيە بايلىقىنى ئۆز ئارا راۋانلاشتۇرۇش، كەسپىي ئۆلچەمنى راۋانلاشتۇرۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ؛ فۇجيەننى تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە تەيۋەن كارخانىلىرىنىڭ قۇرۇقلۇققا چىقىشىدىكى بىرىنچى ماكان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش لازىم. ئىككى قىرغاقنىڭ ئالاقە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، خىزمەتنى بارلىق تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ كۆڭلىدىن ئورۇن ئالدۇرۇپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ مىللەت، دۆلەتكە بولغان بىلىشى ۋە ھېسسياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۈش كېرەك. تەيۋەن خىزمىتىدە خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيىسىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا تەڭ قاراپ، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى پۇقرالارغا مۇلازىمەت قىلغانغا ئوخشاش تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا بەخىت يارىتىش لازىم.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان، بىز تەيۋەنگە نەپ يەتكۈزىدىغان 31 تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، فۇجيەن 66 ماددىلىق يولغا قويۇش پىكرىنى يولغا قويۇپ، كۆرىنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بۇنىڭدىن نەپ ئالغۇچىلاردىن بولدى. بۇ تەدبىرلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسەت تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ يولغا قويۇشقا بولىدۇ ، قىلالايدىغانلىكى ئىشلارنى ئىمكان قەدەر قىلىش لازىم.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىنقىلاۋى كونا ئازاد رايونلار ، مەركىزى سوۋېت رايونلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش خىزمىتىنى ياخشى قىلىش لازىم. بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، سۇ .ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتما دىگەن گەپ بار، كونا ئازاد رايون ۋە سوۋېت رايونىدىكى خەلقنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قىلىشقا بولمايدۇ. خىزمەتلەرنى رەتكە سېلىپ تەكشۈرۈپ ۋە چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، كونا ئازاد رايونلار سوۋېت رايونلىرىنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش داۋامىدا بىرىسىنىڭمۇ سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نامراتلارنى دەل يۆلەش، نامراتلارنى دەل قۇتۇلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنىڭ تۈپ مەنبەسىنى تېپىپ چېقىپ، نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلى ئۈنۈمىنى كۈچەيتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ھەر دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلار جاپادىن قورقماسلىق، سېجىل كۆرەش قىلىشتىن ئىبارەت قەيسەرلىك ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈپ، بېرىنچى سەپكە، ئامما ئارسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، تۈرلۈك نىشان ۋەزىپىلەرنىڭ قەرەلىدە ئورۇنلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كونا ئازاد رايونلار سوۋېت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تىزلىتىپ، يېراقنى كۆرەرلىككە ئىگە بولۇپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداشنى ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈشتە كۆپ ئىشلارنى قىلىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، كۆك ئاسمان ، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قوغداش ئۇرۇشىنى گەۋدىلىك قىلىش لازىم. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋىردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇمىي تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈچلۈك پارتىيە تەشكىلاتى ئارقىلىق خىزمەت ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم.