لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان قىسمەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار تۇردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-11 18:42

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى مۇشۇ ئاينىڭ 10-كۈنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان قىسمەن ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ئۇ مونداق دېدى: چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى تۈزۈش __ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن مۇھىم قانۇن چىقىرىش ۋەزىپىسى بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ يېڭى دەۋردە ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇش قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى، ئۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ كۈچلۈك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جياڭسۇنىڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ ئىقتىسادىي كۈچلۈك، پۇقرالار بېيىغان، مۇھىتى گۈزەل، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسى يۇقىرى بولغان يېڭى جياڭسۇ قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ شىزاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ئۇ مونداق دېدى: كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ بەرگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىزاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش مۇھىم نۇقتىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىم بولۇۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت ياخشى ۋەزىيەتنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئىبادەتخانا باشقۇرۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، قارلىق ئېگىزلىكنىڭ تىنچ، ئىناقلىقىغا، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى . ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى قوللايمەن. شىنجاڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يىتەكلىشى كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك، تۈرلۈك مائارىپ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش لازىم.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ لېجى خەينەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. جاۋ لېجى مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەينەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەينەننىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى ئىستراتېگىيىلىك ئورنىنى پۇختا ئىگىلەپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. دۆلەتنىڭ رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك نازارەتچىلىك قىلىش ئارقىلىق، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.