سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى ئىككىنچى يىغىنى ئۈچىنچى قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى، ۋاڭ ياڭ قاتناشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-11 18:41

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

سىياسى مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى ئىككىنچى يىغىنى مۇشۇ ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئۈچىنچى قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى. 15 ئەزا مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى چۆرىدەپ يىغىندا سۆز قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومتېت تەشۋىقاد بۆلىمىنىڭ باشلىقى خۇاڭ كۈنمىڭ شۇنداقلا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا كېلىپ ئاڭلىدى.

ئەزا دېڭ چۈندوڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بارلىق ياش ئۆسمۈرلەرنى توغرا مەيدان، ئىلمىي نەزىرىيە، ئىلغار تەپەككۇر بىلەن جەمئىيەتنى، دۇنيانى تونۇشقا، ماركىزىزملىق ئىلمىي نەزىرىيەگە قارىتا قەتئىي ئېتىقاد، ۋەتەن ۋە خەلقنى سۆيۈش، دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش ،جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنشى ئۈچۈن تىرىشىپ كۆرەش قىلىشقا ئىرادە باغلاشتەك ئالىجاناپ روھ، ھەقىقى، سەمىمىي، گۈزەل بولۇشتەك كىىشلىك ھايات نىشانى تۇرغۇزۇپ، ئاقكۆڭۈل، ئالىجاناپ ئىنسانىي پەزىلەت يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك.

ئەزا لۈ يىتاۋ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋر كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدەبىيادچىلار، سەنئەتچىلەر، نەزىرىيەچىلەرنى چاقىرماقتا. ئەدەبىياد سەنئەت خىزمەتچىلىرى دەۋر بۇرچىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، خەلق ئۈچۈن ئىسىل ئەسەرلەرنى يارىتىپ، گۈزەل ئەخلاق ئارقىلىق كەيپىيادقا يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭگو ھىكايىىسىنى ياخشى سۆزلىشى كېرەك.

ئەزا ياۋ ئەيشىڭ دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى نۇرلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىسلاھات، تەرەققىياد ئۇلۇغ نەتىجىلىرىنى مەدھىيلەشتە چىڭ تۇرۇپ، نادىر مەدەنيەت مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ جۇڭگو قەلبىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

ئەزا گاۋ شياۋمېي جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلاۋىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: بالىلار يەسلىگە كىرەلەيدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش دۆلەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك، جەمئىيەت پەرۋىش قىلىشنى قوللاش سىستېمىسى يۇقۇرى سەۋىيەلىك بەرپا قىلىنىپ، ئىجتىمائىي ئاپپاراتلارغا ئارتۇقچىلىرىنى جارى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتى يارىتىلىپ، ساغلام پەرۋىش مۇلازىمەت ئېكولوگيەسى بەرپا قىلىنسا.

ئەزا تيەن گاڭ جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنى ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنىنى ئۆستۈرۈش، دۆلەت دەرىجىلىك سىفەن مائارىپ بازىسى قۇرۇش، يېزا كەنت ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى كۈچەيتىش قاتارلىق تۆت تەرەپتىن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ياخشى كۈچەيتىش كېرەك.
ئەزا راۋ زىخې سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىلىم بازىسى بەرپا قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ يادرولۇق تېخنىكىسىدىكى قىيىن مەسىلىلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك، تەرەققىي تاپقان ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۇل تەتقىقاد ئىستراتېگيە ئورۇنلاشتۇرمىسىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ، بىز ئۇل تەتقىقاددىكى كەمتۈكلەرنى تېزدىن تولۇقلىشىمىز كېرەك.

ئەزا لى يەنخوڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: پەن ھالقىغان ساھەلەردىكى كەسپ مۇتەخەسسسلىرى، سۈنئىي ئەقىلىي ئىقتىدار كارخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، كەسىپ ئابونتلىرى ۋە ئاۋام قاتارلىق ئالاقىدار تەرەپلەرنى تەشكىللەپ،سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئەخلاقى ھەققىدە تەتقىقاد ئېلىپ بېرىپ ۋە يۇقۇرى قاتلاملىق لايھەلەپ، كەسىپلەرنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك تېخنىكا ئىنقىلاۋىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى قولغا ئېلىش كېرەك.

ئەزا ۋاڭ يىمىڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىسادى تەرەققىياددىكى بىرىنچى چوڭ ئىش، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە نۇقتىلىق كەسىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتىن قوللاشنى ، نۇقتىلىق رايونلار، نۇقتىلىق كىشىلەرگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتىن ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىپ، سىياسەتنىڭ قاراتمىلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.

ئەزا جياۋ خوڭ جۇڭگو دېھقان ئىشچىلار پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: ساغلام جۇڭگو ئىستراتېگيەلىك پىلانىنى يولغا قويۇشتا راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، دۆلەت راكقا قارشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى پىلانىنى باشلاشقا تەشكىللەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش،داۋالاش يولىدا ئىزدىنىش ۋە ئۇنى ئېچىش كېرەك.

ئەزا چېن بەيلىڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ياشانغانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پۇقرالارنىڭ بەخت سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك، بۇنىڭدىن كېيىن كۈتۈنۈش ئاساس قىلىنغان ياشانغانلار كۈتۈنۈش ئاساسى مۇلازىمىتى نۇقتىلىق ياخشى ھەل قىلىنىدۇ.

ئەزا نو مىن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاش يېڭىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسەتلىرىنى خەلق ئارىسىغا يەتكۈزۈش كېرەك.

ئەزا شۈ شياۋ كومۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: تېز يوللانما كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە، ئىتتپاق تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تېز يوللانما كەسپى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى تېزدىن قۇرۇپ، مائاش، تەمىنات، ئەمگەكنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى قاتارلىق جەھەتلەردىن تېز يوللانما خادىملىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى مەنپەئەتىنى قوغداش كېرەك.

ئەزا جاڭ خەيدى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىجتىمائىيلاشقان بېقىشقا ھاۋالە قىلىش مۇلازىمىتى ئېغىر مېيىپ كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ ئەڭ رىيال، ئەڭ جىددىي ئېھتىياجى. ئېغىر مېيىپ كىشىلەرنى بېقىشقا ھاۋالە قىلىش مۇلازىمىتىنىڭ يۈرۈشلۈك سىياسەت تەدبىرلىرىنى، مەبلەغ كاپالەت تۈزۈمىنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى ئېغىر مېيىپ كىشىلەرنى بېقىشقا ھاۋالە قىلىش مۇلازىمىتىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بېقىشقا ھاۋالە قىلىش مۇلازىمىتىنىڭ كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئەزا ماۋ ۋەنچۈن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ئۇزۇن جاپالىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى، ئەمما قىيىنچىلىق يەنىلا بار، ئورتاق تونۇشنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئىقتىساسلىقلارنى كەڭ كۆلەمدە قوبۇل قىلىپ، خەينەن ئەركىن سودا سىناق رايونىنى تېزدىن قۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقۇرى قاتلاملىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى قېلىپى بەرپا قىلىش كېرەك.

ئەزا ۋۇ ۋېيرېن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىدا تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش ئاساسى پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، چەكسىز ئالەم ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئالەم بوشلۇقىدىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىشتەك جۇڭگو يولىدا مېڭىپ، ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىش تۆھپىسىگە جۇڭگو ئەقىل پاراسىتى، جۇڭگو كۈچىنى قوشتى.