«يېڭى دەۋرگە جاسارەت بىلەن ئايلىنايلى»: رايون ئىستراتېگىيەسى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-11 18:29

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

شياڭگاڭ - جۇخەي - ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىدە قاتناش باشلاش مۇراسىمى 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇخەي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇراسىمغا قاتناشتى ھەمدە چوڭ كۆۋرۈكتە قاتناش باشلانغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى.

بىر كۆۋرۈك ئۈچ جاينى تۇتاشتۇردى، تەبىئىي توسۇق چوڭ يولغا ئۆزگەردى. بۇ يىللىق مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» ھارپىسىدا، «گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ تەرەققىيات پىلان پىروگراممىسى» ئېلان قىلىنىپ، خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قولتۇق رايونى ۋە دۇنياۋى شەھەرلەر توپى تەدرىجىي ئايان بولدى. گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش-باش شۇجى شى جىنپىڭ بىۋاستە پىلانلىغان، ئورۇنلاشتۇرغان، ئىلگىرى سۈرگەن دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەسى. 2017-يىلى 11-ئايدا، ئۇ ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا-سانائەت باشلىقلار يىغىنىدا سۆزلىگەن باش مەقسەتلىك نۇتقىدا، دۆلىتىمىزنىڭ رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقاردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بىز رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى مېخانىزمى، يېڭى يولى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونى، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى، دۇنياۋى شەھەرلەر توپى قۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى بەرپا قىلىمىز.

گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى گۇاڭدۇڭدىكى توققۇز شەھەر ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېندىن ئىبارەت ئىككى ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 1 تىرىليون 500 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، گۇاڭجۇ - شېنجېن - شياڭگاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى تۇرمۇش سۈرئىتىنى يېڭىلىدى، شياڭگاڭ - جۇخەي - ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تۇتاشتۇردى، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى يېڭى قۇۋەتنى قوزغاتتى. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لىنجېڭ يۆئې :گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى شياڭگاڭغا تېخىمۇ زور تەرەققىيات بوشلۇقى يارىتىپ بەردى، دەپ قارىدى.

ماس تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تۈزۈلمە مېخانىزم توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاشقا توغرا كېلىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى شياۋ شېڭفاڭ: ئالدى بىلەن گۇاڭدۇڭ شياڭگاڭ ئاۋمېندىن ئىبارەت ئۈچ جاينىڭ كېسىم ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا قائىدە - نىزاملارغا تۇتىشىدىغان قانۇنچىللاشقان سودا مۇھىتى يارىتىش كېرەك، دەپ تەكلىپ بەردى.

تۇنجى نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ: «چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنىڭ بىر گەۋدىلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى قوللاپ ھەمدە بۇنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسى يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ»، تېخىمۇ يۇقىرى نۇقتىدا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا، «كۇنشەن-شاڭخەي ھەممىباب نەقلەشتۈرۈش پەن - تېخنىكا يېڭىلىق يارىتىش زايومى» رەسمىي تارقىتىلدى، كۈنشەندىكى كارخانىلار شاڭخەينىڭ پەن - تېخنىكا مۇلازىمەت بايلىقىنى بىۋاسىتە سېتىۋالسا بولىدىغان بولدى، شاڭخەيدىكى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىمۇ كۈنشەننىڭ مالىيە يۆلەش مەبلىغىنى بىۋاستە نەقلەشتۈرسە بولىدىغان بولدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، كۈنشەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى دۇ شياۋگاڭ: ئاممىۋى ئامىللارنىڭ يۆتكىلىشى ئىنتايىن مۇھىم، دەپ قارىدى.

رايونلارنىڭ تەرەققىياتىدا بوشلۇقنى قايتا قۇرۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى جىنبىن مۇنداق دېدى: چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى جەريانىدا، ئەنخۇي ئىچكى قۇرۇقلۇقنىڭ ئېچىۋېتىش يېڭى ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىدۇ.

رايون تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ياخشىلاش جەريانىدا، ھەرقايسى شەھەرلەر خۇددى ئەۋزەللىككە ئىگە «شېرىك»كە ئوخشايدۇ، رايون تەۋەسىدىكى ھەرقايسى شەھەرلەر بىر زەنجىر بولغان، رايونلار ماسلاشقاندىلا، ئاندىن ئومۇمىي ئەۋزەللىكنىڭ ئەڭ چوڭ بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇ يىل 1 - ئايدا، «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزى تىزگىنلەش تەپسىلىي پىلانى» تەستىقلىنىپ ئېلان قىلىنىپ، خېبېي لاڭفاڭنىڭ شىمالىدىكى ئۈچ ناھىيە رايون بىلەن ماس تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان بولدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، لاڭفاڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى چېن پىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: ئالدىن پىلانلاشتا چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن بېيجىڭ- تيەنجىن-خېبېينى بىر تال گۈل ئۈستىدىكى گۈل بەرگىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، گۈل بەرگى پەرقلەنسىمۇ، ئەمما بىر مەركەزگە تۇتۇشىدۇ.

بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىياتى، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى، چاڭجياڭ دەريا دېلتىسى رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، شەرقىي رايوننى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئوتتۇرا رايونلارنى يۈكسەلدۈرۈش، غەربىي رايوننى كەڭ كۆلۈمدە ئېچىش ۋە ئېچىۋېتىشقىچە بولغان جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىش بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرمىسى كۈنسېرى مۇكەممەللەشمەكتە، يېڭىلىق يارىتىش قەدىمى تېز، تەرەققىيات سۈپىتى تېخىمۇ ياخشى بولغان جۇڭگو- يېڭى دەۋرنىڭ كۈچلۈك شەرق شامىلىدا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.