سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-12 12:24

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى. 15 ئەزا سىياسىي قۇرۇلۇش ۋە بىرلىكسەپنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى چۆرىدىگەن ھالدا سۆز قىلدى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزى كومىتېت بىرلىكسەپ خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يۇ چۇەن ھەمدە جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا بېرىپ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىدى.

يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسىلىرىدىن پابالا گېلېلاڭجې، خې خۇخۇا، لۇ جەنگوڭ، شيا باۋلۇڭ، باتۇر، سۇ خۈي، ليۇ شىنچېڭ، گاۋ يۈنلۇڭ. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، دۇڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېڭيىڭ، ياڭ چۇەنتاڭ، لى بىڭ، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، جېن جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭلار يىغىنغا قاتناشتى. يىغىنغا لۇ جەنگوڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئەزا لى جيا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشتەك تارىخىي نۇقتىدا تۇرۇپ، يادرونى قەتئىي قوغداپ، باش مەقسەتنى باشتىن-ئاخىرى ئۇنۇتماي، سىياسىي جەھەتتە بىر نىيەتتە بولۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى، تېخىمۇ تۇراقلىشىشى، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى بولۇش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش يېڭى بۇرچىمىزنى تېخىمۇ ياخشى ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك.

ئەزا يىن خۇڭ 3-سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: كىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا شۇنىڭ بىلەن مەسلىھەتلىشىش. بۇ خىل «دەل جايىدا مەسلىھەتلىشىش»تە كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ «مۇھىم نۇقتىسى» چىڭ تۇتۇلغان بولۇپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ «يارقىن نۇقتىسى» گەۋدىلەندۈرۈلگەن، بۇ ھەل قىلغۇچ تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئەلرايىغا ماسلىشىشقا پايدىلىق. سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئەزالىرىنى ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىپ ياكى تەشكىللەپ، ئۈنۈملۈك «دەل جايىدا مەسلىھەتلىشىش» تەرتىپى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.

ئەزا جاڭ زېشى تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان فاڭجىن سىياسىتى ئىككى قىرغاقتىكى خەلقنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان، ئىككى قىرغاقنىڭ ئەل ئارا ئالماشتۇرۇشى، ئالاقىسى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتىدۇ. دەل جايىدا بولۇش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى تەكىتلەش، يولنى كېڭەيتىش، ئاساسىي قاتلامغا ئەھمىيەت بېرىش، يىراققا نەزەر تاشلاش، مۇھىم نۇقتىنى كۈچەيتىش، ئىككى قىرغاقنىڭ ئەلئارا ئالماشتۇرۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئەزا لى جوبىن چياۋمىنلار بىرلەشمىسى ساھەسىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: چەتئەلدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ يەر شارى بولۇپمۇ «بىر بەلباغ بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرگە تارقىلىشىدەك ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، چياۋمىنلارنىڭ ئەل ئىچى دوستلۇق ئالاقىسىدىكى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، چياۋمىن ساھەسىدىكىلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش بايلىقى ئەۋەزەللىكىنى جارىي قىلدۇرۇپ، «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە قاتنىشىش كېرەك.

ئەزا لياڭ خۇا سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: گۇاڭدۇڭ شياڭگاڭ ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنى قۇرۇش «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى ئەمەلىيىتى، شۇنداقلا بۇ شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيلىقىغا تېز يۇغۇرىلىشىنى يېڭى پۇرسەتكە ئىگە قىلدى. كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش؛ كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىش؛ تارىخ، مەدەنىيەت ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئادىمىيەت قولتۇق رايونىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش كېرەك. خېڭچىن گۇاڭدۇڭ ئاۋمېننىڭ چوڭقۇر ھەمكارلىقىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيلىقىغا تېخىمۇ ئىجابىي تەشەببۇسكارلىق بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ چىقىش كېرەك.

ئەزا خۇاڭ رۈنچيۇ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇلغىنىشنى نۇقتىلىق تىزگىنلەشكە دائىر قانۇن تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى بىلەن جىنايى ئىشلار ئەدلىيەسىنى ئۇلاشتۇرۇش مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت جەھەتتىكى لەۋزىدە تۇرماسلىق ئەھۋاللىرىنى بىرلەشمە جازالاش مېخانىزىمىنى كۈچەيتىپ، ئۇنىۋېرسال رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزىمىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش تەننەرخى تۆۋەن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، مۇھىت قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇنچىللىق قورالى بىلەن قاتتىق جازالاش كېرەك.

ئەزا چىن يېشىڭ مەملىكەتلىك سىياسى مەسلىھەت كېڭىشى جەمئىيەت ۋە قانۇنچىلىق كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: يېڭىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يانداش تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسپىي كاپالەت سىياسىتىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوت مەھكىمىلىرى، تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ ئىچكى يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

ئەزا كۇڭ لىڭجى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: يېڭى مۇساپىگە ئاتلاندۇق، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى سىياسىينى تەكىتلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىق كۈچىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ بۇرچ، ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

ئەزا شۈ شياۋخۇڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: خىرىستىيان دىنىدىكى «چەتنىڭ دىنى» دېگەن ئىزلارنى داۋاملىق يوقۇتۇپ، تېئولوگىيەدە ھەقىقىي «ئۆزلۈك»نى تۇرغۇزۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى داۋاملىق قوبۇل قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارشىنى ئۈزلۈكسىز نۇرىلاندۇرۇپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە پائال ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

ئەزا ياڭ جېي سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ئالدى بىلەن جۇڭگو پۇقراسى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار قانۇنغا رىئايە قىلىشى شەرت. قانۇننى چوقۇم ئۆگىنىشى، قانۇنغا ئاڭلىق رىئايە قىلىدىغان، مەسىلىگە يولۇققاندا قانۇنغا مۇراجىئەت قىلىدىغان، مەسىلىنى قانۇنغا تايىنىپ ھەل قىلىدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. دىن ساھەسىدىكى زاتلار دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پۇقرالىق ئېڭىنى باشتىن-ئاخىر مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشى كېرەك. دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى چوقۇم ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى ئىشلىتىشى، قانۇن ئۆگىنىشى، ماھارەت ئىگىلىشى كېرەك. بۆلگۈنچىلىك، زوراۋانلىق، دىنى ئەسەبىيلىككە باشلامچىلىق بىلەن قارشى تۇرۇشى كېرەك، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا باشلامچىلىق بىلەن يېتەكلىشى كېرەك.

ئەزا لى خۈيچيۇڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇزاق مۇددەت گۈللىنىش، مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى ئەڭ ياخشى تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى. مۇتلەق كۆپ ساندىكى شياڭگاڭ شەھەر ئاھالىسى «شىياڭگاڭ مۇستەقىللىقى» ئۇنسۇرلىرىدىن قاتتىق يىرگىنىدۇ. دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا سىڭىشىشتىن ئىبارەت پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ئاساسى قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇن تەشۋىقى-تەربىيەسىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى باشتىن-ئاخىر قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەزا خې چىڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى شەرقىي، غەربىي قىسىمنىڭ ھەمكارلىشىشنى ئارقىلىق، نوپۇسى بىر قەدەر ئاز مىللەتلەرگە داۋاملىق ياردەم بەردى، چېگرا رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇشىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى. ھەر مىللەت خەلقى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

ئەزا رېن خۇڭ مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىز ئېغىر كېسەللىكلەرنى داۋالاش كاپالىتى جەھەتتە بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جاننى جىددىي قۇتقۇزىدىغان تېخىمۇ كۆپ ياخشى دورىلارنى داۋالاش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈپ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى ۋە خىسلىتىنى تولۇق نامايەن قىلدى. ئاساسى قاتلامدىكى داۋالاش خادىمى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بىمارلارنىڭ چېھرىدىكى كۈلكە ۋە سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولغان ئىشەنچىسىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتىگە ئاپىرىن ئېيتىمىز.

ئەزا يۈ ليۇفىن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: غەربىي قىسمدىكى تاغلىق رايوندا نۇرغۇن يۇرتداشلار پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش-يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى تېخىمۇ چوڭ ئارزۇ ئىنتىلىشى، ئاساسى قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ياخشى «يۆلەنچۈك»ى بولۇپ، يېزىلەرنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

ئەزا لىڭ يۇۋشى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: دۇنيادا بىرلا جۇڭگو بار، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى پۈتۈن جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمەت. بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تىنچ بىرلىككە كېلىش ئەمەلىيىتىنى بېيىتىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ بىرلىككە كېلىش كۈنىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئىنتىزارمىز، جۇڭخۇا مىللىتى چوقۇم گۈللىنىدۇ، ۋەتىنىمىز چوقۇم بىرلىككە كېلىدۇ.