بۇ يىلقى ئىككى يىغىندا تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلۇپ تارقىتىش ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-12 12:26

بۇ يىلقى ئىككى يىغىندىن خەۋەر بېرىش جەريانىدا، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى قاتارلىق مەركەزنىڭ ئاساسلىق تاراتقۇلىرى يېڭى تېخنىكىنى يېتەكچى قىلىپ، ئۇچۇر ئىنقىلابىنىڭ نەتىجىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلۇپ تارقىتىش ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسەت تەشەببۇسلىرى ۋە ئىككى يىغىن ۋەكىل-ئەزالىرىنىڭ ئاۋازىنى ۋاقتىدا نوپۇزلۇق يەتكۈزدى. ۋەكىل ۋە ئەزالار: مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ۋەكىللىكىدىكى «يېڭى تېخنىكا قوشۇلغان» تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يۆنىلىشىگە باشلامچىلىق قىلىدۇ، دېيىشتى.