شى جىنپىڭنىڭ فۇجيەن ئۆمىكىدىكى مۇھىم سۆزى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-12 15:47

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ فۇجيەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋەكىللەر ۋە جايلاردىكى كادىرلار، ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 3-ئاينىڭ 10-كۈنى فۇجيەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتقا قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ۋە جايلاردىكى كادىرلار، ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

3-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن پايتەخت بېيجىڭ بۇ يىلقى تۇنجى باھار يامغۇرىنى كۈتۈۋالدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ فۇجيەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتقا قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى خۇددى باھار يامغۇرىدەك يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ۋە ھەر قايسى جايلىرىدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ قەلىب تەشنالىقىنى قاندۇردى.

«باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىش كېرەك، تىرىشقان تاپار» دېگەن سۆز باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى فۇجيەن كارخانىچىلىرىغا قىلغان چوڭقۇر مۇھەببەتلىك سۆز ئىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 10-كۈنى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتقا قاراپ چىقىشقا قاتناشقاندا، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارغا ئادىل، ئېنىق، قانۇنچىل تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، چۈەنجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى كاڭ تاۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چۈەنجۇنىڭ %80 تىن ئارتۇق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى پۇقراۋى ئىگىلىكتىن كېلىدۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى-تۈرتكە ۋە ئۈمىد، بېسىم، شۇنداقلا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ.

خېنەن ئۆلكىسى شۈچاڭ شەھەرلىك سودا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ شياۋگاڭ رادىيودىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتقا قاراپ چىقىشقا قاتناشقانلىقىغا ئائىت خەۋەرنى بىرەر گەپنىمۇ چۈشۈپ قويماي ئاڭلىدى، ئۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدىن دۆلىتىمىزنىڭ سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى كۆرۈۋالدى. جاڭ شياۋگاڭ مۇنداق دېدى: سودا مۇھىتىمۇ بىر خىل ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، كارخانىلار ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئاشكارە، ئېنىق، قولاي چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

فۇجيەن ماۋېي كېمىسازلىق پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى چاڭ يۇڭخۈيمۇ ئوخشاشلا ھەسسىلەپ ئىلھاملاندى. يېقىنقى يىللادىن بۇيان، ماۋېي كېمىسازلىق شىركىتى «بىر بەلباغ، بىر يول»دىن پايدىلىنىپ، دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى : باش شۇجىنىڭ سۆزى ماڭا كەلگۈسى نىشاننى تېخىمۇ يورۇتۇپ بەردى، زىممەمدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ تېخىمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى.

فۇجيەن چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى تەيۋەنگە ئەڭ يېقىن ئۆلكە، شۇنداقلا تەيۋەنگە ئالدىن سىناق قىلىنغان رايون. 3-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى قاراپ چىقىش جەريانىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: تەيۋەن بوغۇزى ئىككى تەرىپىنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تىرىشىپ فۇجيەننى تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، تەيۋەن كارخانىلىرىنىڭ قۇرۇقلۇققا چىقىشىدىكى بىرىنچى ماكان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. تەيۋەنلىك قېرىنداش خې گودىڭ بۇنىڭدىن قاتتىق ھاياجانلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى بىز تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا مەبلەغ سېلىش ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى، بۇ تەيۋەنلىك ياشلارنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا كېلىپ تىرىشىشىدا تېخىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە.

فۇجيەننىڭ پىڭتەندىن كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى لىن ۋېنياۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بارغانچە كۆپ تەيۋەنلىك قېرىنداشلار پىڭتەنگە كېلىپ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىۋاتىدۇ، «ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار ئورتاق ماكانلىق» دېگەن قاراش دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى. تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، تەيۋەن كارخانىلىرى، تەيۋەنلىك ياشلار پىڭتەنگە كەلسە بەك ئاسان، ئەتىگىنى كېلىپ ئىشلەپ، كەچتە قايتسا بولىدۇ. بۇ بىر خىل ئەڭ قولاي يول بولۇپ قالدى.

شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋېيفاڭ شەھىرىدىكى تەيۋەنلىك قېرىنداشلار مەبلەغ سالغان كارخانىلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى گو ۋېنجۈننىڭ ۋېيفاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى، تۇرمۇش كۆچۈرۈۋاتقانلىقىغا ئون نەچچە يىل بولدى، ئۇ شەندۇڭ-تەيۋەن ئىقتىساد سودا يەرمەنكىسىنىڭ ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىگە گۇۋاھ بولدى. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: ھازىر چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى تۈرلۈك سىياسەتلەر ناھايىتى ياخشى، تەيۋەندىكى نۇرغۇن قېرىنداش چوڭ قۇرۇقلۇققا كېلىپ تەرەققىي قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئىككى قىرغاق يۇغۇرۇلۇش جەھەتتە تېخىمۇ يىراققا مېڭىشى، تېخىمۇ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى كېرەك، قانداقلا بولمىسۇن قېرىنداشلىق مىھرى ھەممدىن ئۇلۇغ.

فۇجيەن ئېلىمىزدىكى داڭلىق كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلارنىڭ بىرى، ئۇزاق مۇددەتلىك ئىنقىلابىي ئۇرۇش داۋامىدا زور تۆھپە قوشقان ۋە زور قۇربانلارنى بەرگەن، «قىزىل بايراق يىقىلمايدۇ» دەيدىغان گۈزەل نامى بار. باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك، كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلارنى، سوۋېت رايونىدىكى خەلقنى ئۇنتۇپ قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ، ئېنىقلاپ تەكشۈرۈپ، كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلار، سوۋېت رايونىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىدە بىرىنىمۇ قالدۇرۇپ قويماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايوندىن كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى جاڭ لىنشۈن سۆز قىلغان ۋەكىللىرىنىڭ بىرى. ئۇ باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى نەق مەيداندا ئاڭلاپ قاتتىق ھاياجانلىنىپ كەتتى، نامراتلىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشقا بولغان ئىشەنچىسى ھەسسىلەپ ئاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: جايلار ئالدى بىلەن كەسپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىش كۆرۈپ، ئەسلىدە بار بولغان يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇدىن پايدىلىنىپ ئېكولوگىيەلىك ساياھەتنى مۇۋاپىق بەرپا قىلىشى لازىم، كەسىپ بار بولغاندىن كېيىن، دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئاشىدۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش چوقۇم تېخىمۇ تېزلىشىدۇ.

جاپادىن، قىيىنچىلىقتىن قورقماي، نامرات، قالاق قىياپىتىنى تىرىشىپ ئۆزگەرتىپ، ھاللىق سەۋىيىگە يېتىش يولىدا بىرەر كىشىنىمۇ قالدۇرۇپ قويماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىدىغان، نامراتلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنىڭ چوڭ ھەل قىلغۇچ جېڭى ھازىر مەملىكەت بويىچە كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلاردا قانات يايدۇرۇلماقتا. جياڭشى ئۆلكىسى رۈيجىن شەھىرى يېپىڭ يېزىسى خۇاڭشا كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ رىشېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھېرىپ-چارچاشتىن قورقماي، ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىشتەك قەيسەر ئىستىلنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گۈزەل سوۋېت رايونى قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇش كېرەك.